قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-05-08  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 شى خەيۋېي، ئايال، 2007- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2010- يىلى 10- ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرى خەيلىڭ شۆبە ئىدارىسى چېڭبېي ساقچىخانىسى يۈخاڭ مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان، ھازىر چېڭبېي ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. شى خەيۋېي 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل تەيجۇ شەھىرى بويىچە «مۇنەۋۋەر مەمۇر»، 2015-، 2016- يىلى ئۇدا ئىككى يىل تەيجۇ شەھىرى بويىچە 50 مۇنەۋۋەر مەھەللە ساقچىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ كۆپ قېتىم شۆبە ئىدارە، شەھەرلىك ئىدارە ۋە نازارەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مەھەللە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇ ئىش قىلغاندا جان كۆيدۈرۈپ، مەردانىلىك بىلەن قىلاتتى، مىجەزى ئوچۇق- يورۇق بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەر خىزمەتداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئون يىللىق ساقچىلىق ھاياتى، يەتتە يىللىق مەھەللە خىزمىتى ئۇنى ئىلگىرىكى نازاكەتلىك فاڭ خۇادىن چېنىقتۇرۇپ، ئىستىلى دۇرۇس، ئەرلەردەك جاسارەتلىك «ئايال ئەزىمەت» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئەمما، ئاممىغا نىسبەتەن ئۇ ئۆز قىزىدەك مۇلايىم بولۇپ، باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ سەمىمىي قەلبى ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كەلدى. 

 شى خەيۋېي يەنچېڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا، شى خەيۋېينىڭ خىزمىتى يەنچېڭدىن تەيجۇغا يۆتكەلدى، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يۈخاڭ مەھەللىسى شەھەر ئەتراپىدىكى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جاي بولۇپ، مەھەللىدىكى يېرىمغا يېقىن ئاھالە ياشانغانلار ئىدى. شى خەيۋېينىڭ باشقۇرۇشىدىكى يۈخاڭ مەھەللىسىدىكى نۇرغۇن ياشلار سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ياكى شەھەرگە ماكانلاشقان بولغاچقا، كۆپىنچە ئۆيلەردە ياشانغانلار قېپقالغان، ئۆيلەر ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، كونىراپ، خىلمۇ- خىل مەسىلىلەر چىقىشقا باشلىغانىدى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ياشانغان كىشىلەر شى خەيۋېيغا تېلېفون قىلاتتى. شى خەيۋېي بارا- بارا كىچىك رېمونتچىغا ئايلىنىپ، لامپۇچكا ئالماشتۇرۇش، جۈمەك بېكىتىشتەك كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغان بولدى. تەۋەلىكتىكى گو بوۋاي 80- يىللاردا سېلىنغان تۆت قەۋەتلىك كونا بىنادا تۇراتتى. بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا، گو بوۋاينىڭ ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىسى كۆپ قېتىم شى خەيۋېيغا ئەرز قىلىپ، لاۋگونىڭ ئۆيىدىن دائىم غەلىتە ئاۋاز چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شى خەيۋېي دەرھال گو بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. بوۋاي ئۆيدە ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭلا بارلىقى، كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندىلا ئۇخلايدىغانلىقى، ھېچقانداق شاۋقۇن- سۈرەن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، گېپىدە چىڭ تۇردى. ئەمما، قوشنىسى ھەر كۈنى كەچتە يەنىلا بىر ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتىن توختىمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەسلىدە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىناق ئۆتۈپ كېلىۋاتقان كونا قوشنىلارنىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلى قېلىپ، ئىناقلىققا تەسىر يەتتى. شى خەيۋېي بۇ ئىككى ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ قائىدە چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ گو بوۋاينىڭ ئۆيىدە يېرىم كۈن ئىزدىنىپ، ئاخىرى مەسىلىنى تېپىپ چىقتى، ئەسلىدە شاۋقۇن چىقىرىۋاتقىنى لاۋگولارنىڭ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئىكەن. تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى كونىراپ، ئىشىك گېرەسى بوشاپ قالغان بولۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ- ياپقاندا چىققان ئاۋاز كېچىدە ناھايىتى كۈچلۈك ئاڭلىنىدىكەن. شى خەيۋېي سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن، دەرھال يېڭىنى تۈرۈپ، ياردەمچى ساقچى بىلەن بىرلىكتە ئىشىكنى چۇۋۇپ، داتلىشىپ كەتكەن گېرەنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، غەلىتە ئاۋاز يوقاپ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئارازلىقىمۇ تۈگىدى. 

 شى خەيۋېي خىزمەتتە يەنە تەيجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، مەھەللىدە «ئىللىق ساقچى ئىشلىرى»، «ئۈچ بىر» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. بۇ «ئۈچ بىر» بولسا بىر ساقچى- خەلق ئالاقىلىشىش كارتىسى، بىر قېرىنداشلىق ئالاقە دەپتىرى، بىر مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىلار ئەترىتىدىن ئىبارەت. ساقچى- خەلق ئالاقە كارتىسىغا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغاندىن سىرت، يەنە ئائىلە ئىشلىرى، سۇ ئىشلىرى، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تارماقلارنىڭ تېلېفون نومۇرى يېزىلغان ئىدى. شى خەيۋېي يان تېلېفون ئىشلىتىشنى پىششىق بىلمەيدىغان ياشانغانلارغا تېز نومۇر بېسىش ئۇسۇلىنى لاھىيىلەپ بەردى؛ بىر ئالاقىلىشىش خاتىرىسى تۇتۇشنى ئۆگەتتى. شى خەيۋېي يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ تاساددىبىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى، خىزمەت ئورنى، تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلارنى بىر- بىرلەپ تىزىملاپ، ئۇلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن بىر خاتىرە تەييارلاپ چىقتى؛ بىر مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىلار ئەترىتى تەشكىللىدى. تەۋەلىكتىكى كونا ئۆيلەردە دائىم سۇ، توك مەسىلىسى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، شى خەيۋېي شۆبە ئىدارىنىڭ ئامانلىق پىدائىيلار تورىغا تايىنىپ، رېمونتچىلىقنى بىلىدىغان بىر قانچە خالىس پىدائىنى تەشكىللەپ، ياشانغانلارنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەقسىز ھەل قىلىپ بەردى. 

 «ئايال ئەزىمەت» نىڭ مۇلايىم تەرەپلىرىمۇ كۆپ. شى خەيۋېي بەش ياشلىق بالىنىڭ ئانىسى. بىر ئايال ھەم ئانا بولۇش ئۇنىڭغا جاسارەت ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، يەنە چەكسىز مېھىر- مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئاتا- ئانىسى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان نۇرغۇن بالىلار بار. شى خەيۋېي زىيارەت جەريانىدا، تەۋەلىكتىكى بوۋىسى، مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تەكرارلاشقا ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقى، نەتىجىسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدىغانلىقى، مىجەزىنىڭمۇ غەمكىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدى، بۇنداق كېتىۋەرسە بالىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن، شى خەيۋېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. قايسى بالا تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمىسە، بوۋا- مومىلىرىمۇ چۈشەندۈرەلمىسە، شى خەيۋېينى ئۆيىگە كېلىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلاتتى. شى خەيۋېي بارا- بارا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، تەۋەلىكتىكى «ساقچى مۇئەللىم» گە ئايلاندى. يۈخاڭ مەھەللىسىدە بىر مەكتەپ بولۇپ، ھەر قېتىملىق تەتىلنىڭ ئالدىدا، شى خەيۋېي مەكتەپ بىلەن كېلىشىپ، مەكتەپكە بېرىپ، بالىلارغا ئالداپ كېتىلىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ھەققىدە جانلىق قانۇن دەرسى سۆزلەيتتى. شى خەيۋېي بۇ ئىشنى يەتتە يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئىشتاتتىن سىرت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ئۆزىنىڭ «ئوقۇتقۇچى بولۇش» ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. 

 «مەھەللىلەردىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ». بۇ شى خەيۋېيدىن ئىبارەت «ئايال ئەزىمەت» نىڭ ھاياتلىق دەستۇرى. ئۇ: «ئالتۇن مېدال ياكى كۆمۈش مېدال بولسۇن، يەنىلا ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا يەتمەيدۇ!» دەيتتى.

 شى خەيۋېي ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يۇقارقىدەك ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى ئىزچىل داۋاملاشقۇرۇشقا بەل باغلىدى.