ئەگەر قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغىلى بولمىسا، ئالدىن تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىنى قايتۇرىۋالغىلى بولامدۇ؟
【发布时间】2019-05-09  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 

 رېئال تۇرمۇشتا، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار كۆپ ھاللاردا قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ، ئەگەر ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ رەنىلىك قەرز بېجىرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، ئالدىن تاپشۇرغان ئۆي سېتىۋېلىش زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

 زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولامدۇ؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەنى: 

 توختامدا بۇ ھەقتە پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. توختامدا پۈتۈشمىگەن بولسا، ئەگەر ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئەگەر ئۆي ساتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا، ئۆي ساتقۇچى زاكالەت پۇلىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. «كېپىللىك قانۇنى» نىڭ 89- ماددىسىدا: «ئالاقىدارلار ھەقدارلىق كېپىللىكى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە زاكالەت بېرىشنى پۈتۈشسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ياكى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك. زاكالەت بەرگەن تەرەپ پۈتۈشكەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ زاكالەت ئالغان تەرەپ پۈتۈشكەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. 

 ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئالاقىدار نەزەرىيىلىرىگە ئاساسلانغاندا، زاكالەت تۆۋەندىكىدەك قانۇنىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

 1. زاكالەت پۇلى ئەگەشمە خۇسۇسىيەتكە ئىگە. زاكالەت-- توختامنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ئەگىشىپ مەۋجۇت بولىدۇ، توختامنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغا ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالىدۇ.

 2. زاكالەتنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەلىيەتچىللىققا ئىگە. زاكالەتنى توختامدىكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدارلارنىڭ زاكالەت ھەققىدە پۈتۈشكىنى بويىچە، زاكالەت بەرمەي ئەمەلىي ئېلىم- بېرىم قىلغان بولسا، زاكالەت كېپىللىكى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. پەقەت توختامدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر زاكالەتنى ئەمەلىيەتتە قارشى تەرەپكە تاپشۇرغاندىلا، زاكالەت ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

3. زاكالەت پۇلى ئالدىن تۆلەش خاراكتېرىگە ئىگە. پەقەت توختام پۈتۈپ، ئادا قىلىنىشتىن بۇرۇن تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن كېپىللىك رولىنى ئوينىيالايدۇ. شۇڭا، زاكالەت ئالدىن تۆلەش خاراكتېرىگە ئىگە.

 4. زاكالەت قوش كېپىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. يەنى بىرلا ۋاقىتتا توختامدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنى، زاكالەتنى تاپشۇرغان تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتتىن مەھرۇم بولىدۇ؛ زاكالەت ئالغۇچى تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشى كېرەك.

 ئۇنداقتا قانۇندا زاكالەت پۇلىنىڭ سوممىسىغا قارىتا بەلگىلىمە بارمۇ؟

1. زاكالەت سوممىسىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالاقىدارلار پۈتۈشىدىغان بولسىمۇ، بىراق «كېپىللىك قانۇنى» دا، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە چەكلىمە قويۇلغان، يەنى ئاساسىي توختام نىشانىدىكى سوممىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەدلىيىلىك ئىزاھاتتا، ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن زاكالەت سوممىسى ئاساسىي توختام نىشانىدىكى سوممىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئېنىقكى، سوممىسى بەك كۆپ زاكالەت بېرىش چەكلەنگەن، زاكالەتنىڭ جازاسىغا بەلگىلىك چەكلىمە قويۇلغان.

 2. ئەدلىيىلىك ئىزاھاتنىڭ 119- ماددىسىدا: «ئەمەلىي تاپشۇرۇلغان زاكالەت سوممىسى پۈتۈشكەن سوممىدىن كۆپ ياكى ئاز بولسا، زاكالەت توختامىنى ئۆزگەرتكەن دەپ قارىلىدۇ؛ زاكالەت ئالغۇچى تەرەپ باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ھەمدە زاكالەتنى رەت قىلسا، زاكالەت توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە زاكالەت توختامىنىڭ ئەمەلىي توختام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت زاكالەتنى يەنە بىر تەرەپتىكى ئالاقىدار كىشى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، زاكالەت توختامى ئاندىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.