يۇقىرى ئۆسۈملۈك مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئىھتىياتچان بولۇش كېرەك
【发布时间】2019-05-22  作者:umid  来源:新疆广播电视台

 ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چىفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خۇڭشەن شۆبە ئىدارىسى يېقىندا، بىر قانۇنسىز ئامانەت پۇل يىغىش دېلوسىنى پاش قىلدى. دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىلىرى ئاممىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئەسكەرتتى.

 دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىسى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «يۇقىرى ئۆسۈملۈك مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش» بايرىقىنى كۆتۈرىۋىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېقىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرى كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا، ئاممىنىڭ ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ، تەلەي سىناپ قارىغۇلارچە مەبلەغ سالماسلىقىنى، چوقۇم قانۇنلۇق، مۇنتىزىم، پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنى تاللاپ مەبلەغ سېلىپ، زىيان تارتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز».

 چىفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇڭشەن شۆبە ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فۇ جۈرېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قانۇنسىز ئامانەت پۇل يىغىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى يۇقىرى ئۆسۈملۈك مالىيە باشقۇرۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش نامى بىلەن، ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يىغقان. بۇلتۇر 8- ئايدا، جىنايەت گۇماندارى پايدا قايتۇرۇش چىقىم سۇپىسىدا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى توختىتىپ، 800 دىن ئارتۇق ئاممىنى 60 نەچچە مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال تەھقىقلەشكە كىرىشكەن. نۆۋەتتە، سەككىز ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن.

 فۇ جۈرېن مۇنداق دېدى: بۇ خىل دېلولارنىڭ ھەممىسىدە ئادەتتە تولىمۇ دەبدەبىلىك تەشۋىقات سۆزلىرى ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە مەبلەغ سالسا كۆپ پايدا ئالالايدىغانلىقى، خەۋپ- خەتىرىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېيتىپ جار سالىدۇ. ئالدانغۇچىلارنى مۇۋاپپەقىيەتلىك قارماققا ئېلىندۈرۈش ئۈچۈن، جىنايەت گۇماندارلىرى دائىم سوۋغات بېرىش، ھەقسىز ساياھەتكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاممىنى جەلپ قىلىدۇ. بەزى ياشانغانلار ھەتتا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئاخىرىدا ئالدىنىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالماقتا.

 دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىلىرى كەڭ ئاممىغا مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا، چوقۇم قانۇنلۇق، مۇنتىزىم، نامى ياخشى پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنى تاللاش، ياغلىما سۆزلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك؛ ئاتالمىش كۆپ پايدىغا ئېرىشىش، خەۋپ- خەتىرى تۆۋەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە ئىشىنىپ، تەلەي سىناپ مەبلەغ سالماسلىق؛ مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش سۇپىسى ياكى شايكىلىرىدا ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ياكى ئەھۋاللارنى بايقالغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك.