قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-06-12  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىدىكىلەر ئەمدىلا ئىشقا چۈشىشىگە، 70 ياشتىن ئاشقان بىر بوۋاي كىرىپ كەلدى، بوۋاي گېپىنىڭ بېشىنى باشلاپلا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن ۋاڭ فېي تېزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەرگەچ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى. ئەسلىدە بوۋاينىڭ ئوغلى ئا X ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن يېقىندا قولغا ئېلىش تەستىقلانغان. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزى كەلگەنىكەن.

  ۋاڭ فېي مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ كەسپىي ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر تۇتاش سىستېمىسىدا تەكشۈرۈپ، ئا X نىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق دېلوسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللىغانلىقىنى بىلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بوۋاي خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ مەسلىھەت سورىماقچى بولدى.

 ۋاڭ فېي بېجىرگۈچى تەپتىش ۋە بېجىرگۈچى سوتچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادرېسىنىمۇ قوشۇپ قەغەزگە يېزىپ بەردى. ئۇ يەنە بوۋايغا ياردەملىشىپ ئا X نىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قەغەزگە يېزىپ بېرىپ، ئۇنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. ۋاڭ فېي بوۋايغا ئالدى بىلەن بېجىرگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سوت ئېچىش ۋاقتىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن سوت مەھكىمىسىگە بېرىشنى تاپىلىدى. 

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپى بويىچە، تەپتىشلەر ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغان ھەم دەۋا تەلىپىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنى دېلو بېجىرگۈچى تەپتىش بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، كونكرېت دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەيتتى. ئەمما، ۋاڭ فېي دائىم ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىپ، ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيتتى.

 2015- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، تاشقى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، «بىر كۆزنەك» لىك مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەپتىش مۇلازىمىتى، تەپتىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، نازارەت قىلىپ باھالاش، دېلو باشقۇرۇش، تەپتىش تەشۋىقاتى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تۇتاش تاشقى مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندۇردى.

 ۋاڭ فېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزى تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇلازىمەت كۆزنىكى. ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما ئالدى بىلەن 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە بارىدۇ، كادىر- ساقچىلار كەلگۈچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا قارىتا، ئۇلارنى مۇناسىپ كەسپىي تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. يەنى، ئىش بېجىرىشكە ئېھتىياجلىق ئاممىغا نەگە بېرىش، كىمنى ئىزدەشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاممىنى ئاز قاترىتىش پەقەت ئېغىزدىكى شوئار بولۇپلا قالماي، تەپتىش مۇلازىمىتىدە ئاممىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، بىۋاستە كۆرەلەيدىغان قىلىش كېرەك!»

 ۋاڭ فېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يۇقارقى سۆزنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشماقتا!