قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-06-14  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 2017- يىلى 7- ئايدا، خۇبېي ئۆلكىسى «فاجېڭدا» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى خۇاڭ يۇڭ «1+1» جۇڭگو قانۇن ياردىمى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لوپ ناھىيەسىگە بېرىپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ لوپ ناھىيەسىدىكى كەنت- بازارلارغا بېرىپ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان نۇرغۇن ھېكايىنى قالدۇردى. 

 بۇلتۇر 4- ئايدا، لوپ ناھىيەسىدىكى ئارزۇگۈل كەنتتە زاۋۇت قۇرماقچى بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ياسىن مەتقۇرباننىڭ ئامبىرىنى سېخ قىلىشقا ئىجارىگە ئېلىپ، يىللىق ئىجارە ھەققىنى 30 مىڭ يۈەنگە پۈتۈشتى. ئارزىگۈل ياسىنغا 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى تۆلىدى ھەمدە 40 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ بېزىدى. لېكىن، ئۇ ئەمدىلا بېزەپ بولۇشىغا كەنت كومىتېتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئارزۇگۈلنى ھەقسىز سېخ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭدىن ئارزىگۈل ھەم ھەيران قالدى ھەم غەمگە چۈشتى. ئۇ ياسىننى ئىزدەپ رەنە پۇلىنى قايتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىندى. ئامالسىز قالغان ئارزىگۈل لوپ ناھىيەلىك قانۇن ياردىمى مەركىزىگە بېرىپ، ياردەم تەلەپ قىلدى. 

 خۇاڭ يۇڭ ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، بۇ ئۆي ئىجارە توختامى ماجراسى دېلوسىدا ئىككى تەرەپ يازما توختام تۈزمىگەن. شۇڭا، ئەگەر دەۋا دېلوسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولىدۇ، دەپ قاراپ، ماجىرانى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ دەۋالاشقۇچىلارغا ئىجارىگە ئالغۇچى توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ماجرا كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ ياسىنغا: «ئارزىگۈل ئۆي بېزەشكە 40 مىڭ يۈەن سەرپ قىلغان، بۇ سىزگە قالىدۇ، بۇ سىزگە 40 مىڭ يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى بەرگەن بىلەن باراۋەر، بۇ بىر يىللىق ئۆي ئىجارىسىدىن خېلىلا كۆپ، شۇڭا 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشىڭىز مۇۋاپىق» دەپ ئىنچىكە چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق، ياسىن بىلەن ئارزۇگۈل مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ياسىن 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلىنى ئارزىگۈلگە قايتۇرۇپ بەردى.

 خۇاڭ يۇڭ دېلو مىساللىرى بىلەن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاممىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ لوپ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپى، يېزا- بازار، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان، 31 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 86 مەيدان قانۇن تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن تەربىيە ئالغانلار 70 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

 لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا قانۇندىن مەسلىھەت سورايدىغانلار دائىم ئۇنى ئىزدەپ كېلەتتى. ئۇ زېرىكمەي- تېرىكمەي مەسلىھەت بېرەتتى. 2018- يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مېيىپ جاڭ X چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ خۇاڭ يۇڭنى ئىزدەپ كەلدى. جاڭ X نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سىچۈەندىن كەلگەن ئىشلەمچى بولۇپ، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغاچقا، يىغقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسى داۋالىنىشقا سەرپ بولۇپ تۈگىگەن، كېيىنكى داۋالاشقا يەنە نۇرغۇن خىراجەت كېتىدىكەن. خۇاڭ يۇڭ جاڭ X نىڭ دەۋالىشىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەمدە ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ X قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، خۇاڭ يۇڭ دەرھال دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دەلىل- ئىسپات توپلاپ، ئەرزنى يېزىپ بەردى.

 گەرچە بۇ دېلو قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلوسى بولغاچقا، قانۇن مۇناسىۋىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن جاۋابكارلارنىڭ سانى كۆپ، ھادىسە سادىر قىلغان شوپۇر، ھادىسە سادىر قىلغان ئاپتوموبىل قاراشلىق شىركەت، يەنە سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، دەۋالىشىش جەريانى بىرقەدەر مۇەككەپ ئىدى. خۇاڭ يۇڭنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئاخىرىدا لوپ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا، ھادىسە سادىر قىلغان شوپۇر ۋە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جاڭ X نىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن 170 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تۆلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

 جاڭ X ئەمدىلا خۇشال بولۇپ تۇرغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى نارازىلىق ئەرزى سۇندى، جاڭ X يەنە خۇاڭ يۇڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. خۇاڭ يۇڭ يەنە بىر قېتىم جاڭ X كە ياردەم قىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىپ، خۇاڭ يوڭنىڭ ۋاكالەتچىلىك پىكرىنى قوبۇل قىلدى. ئاخىرىدا، 2- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلدى. ئارقىدىنلا، خۇاڭ يۇڭ يەنە جاڭ X كە ياردەملىشىپ لوپ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

 بۇ يىل خۇاڭ يۇڭنىڭ لوپ ناھىيەسىدە مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنىغا 3 يىل بولدى. ئۇ ھازىر لوپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئالاھىدە تەكلىپلىك قانۇن تەشۋىقاتچىسى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خۇاڭ يۇڭ ۋاكالىتەن بېجىرگەن دەۋا دېلولىرى، غەيرىي دەۋا دېلولىرى ۋە بىۋاستە مۇرەسسە قىلغان دېلولار 100 دىن ئېشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىندى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ خىزمەتتىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئادۋوكاتلىق كەسپىدىكى «ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

 خۇاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يەردە بولساملا، ئىككىنچى يۇرتۇم لوپ ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن!».