ماركا ھوقۇقىغا چىقىلىشنىڭ ئاقىۋىتى
【发布时间】2019-06-17  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 ليۇ X شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەرىدىكى بىر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا بىر كىچىك تىپتىكى تاللا بازىرىدا تىجارەت قىلاتتى. ئۇ ئىككى جۈپ پايپاقنى 25 يۈەنگە ساتقاندىن كېيىن، دەۋاغا چۈشۈپ «لاڭشا» شىركىتىگە ئالتە مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

 دەۋاگەر «لاڭشا» ئىلمە توقۇلما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئولى، بۇ شىركەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى «لاڭشا» نىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇن ئىكەنلىكى، 2017- يىلى 11- ئايدا، دەۋاگەر تەرەپ جاۋابكار ليۇ X تىجارەت قىلىدىغان دۇكاندا ئۆزلىرى رويخەتكە ئالدۇرغان «لاڭشا» ماركىلىق يىپەك پايپاقنىڭ ساختا مەھسۇلاتىنى سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقى، كېيىن، دەۋاگەر بۇ دۇكاننىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىغا قارىتا دەلىل- ئىسپاتنى ئامان ساقلاش ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەدبىرى قوللانغانلىقى، جاۋابكارنىڭ تاۋار ماركا ھوقۇقىغا چېقىلغان مەھسۇلاتنى سېتىش قىلمىشىنىڭ دەۋاگەرنىڭ تاۋار ماركا ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋە سودا ئىناۋىتىگە ئېغىر دەخلى- تەرۇز قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

 جاۋابكار تىجارەتچى ليۇ X ئۆزىنى ئاقلاپ: قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى نەق مەيداننى پېچەتلىمىگەن ھەمدە ئۆزى ئىمزا قويمىغان ئەھۋالدا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تاللا بازىرىدىن سېتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 دەۋاگەر «لاڭشا» شىركىتى كۆرسەتكەن پەرقلەندۈرۈش ئىسپات ماتېرىيالىدا، «لاڭشا» ئىلمە توقۇلما چەكلىك شىركىتى ھاۋالە قىلغان شاڭخەيدىكى مەلۇم ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى جىنەن شەھىرىدىكى مەلۇم تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان «لاڭشا» ماركىسىدىكى مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنىڭ بېسىلىشى مۈجمەل، مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش تەس، مەھسۇلات سۈپىتى بىلەن ھەقىقىي مەھسۇلاتتا بىر قەدەر چوڭ پەرق بار، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسى بىلەن شىركەت بېكىتكەن ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسى ئوخشىمايدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار «لاڭشا» شىركىتى ۋە ھوقۇق بەرگەن ئورۇن ئىشلەپچىقارغان، ساتقان مەھسۇلاتلارغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا، سېتىلغان بۇ مەھۇلاتنى «لاڭشا» تاۋار ماركىسىدىكى ساختا مەھسۇلات دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، دېگەن مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.

 بۇ دېلونىڭ باش سوتچىسى لىن چىڭمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە سوتتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ساتقان «لاڭشا» ماركىلىق پايپاق بىلەن دەۋاگەرنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قىسقا پايپاقنى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات دەپ بېكىتىشكە بولىدىكەن. ئۇنىڭ سىرتقى ئورالمىسىمۇ دەۋاگەر تەرەپنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دەۋاگەر شىركەت تەستىقلىتىپ رويخەتكە ئالدۇرغان «لاڭشا» ماركىسى ئىشلىتىلگەن. لېكىن، بۇ قىسقا پايپاقنى دەۋاگەر «لاڭشا» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئەمەس ئىكەن. 

 يېقىندا، جىنەن شەھىرى لىشا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قانۇن بويىچە بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، جاۋابكار-- جىنەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم تاللا بازىرىنى دەۋاگەر-- «لاڭشا» ئىلمە توقۇلما چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋارنى سېتىشنى دەرھال توختىتىش؛ دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە مۇۋاپىق خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىي 6 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرىدى. بۇ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ھازىر كۈچكە ئىگە بولدى.