قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-06-17  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

70 ياشلىق ياڭ ۋېنرېننىڭ ئۆيى فۇكاڭ شەھىرى فۇشىڭ گۈللىكى مەھەللىسىدە بولۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرى ئۇنى «ياڭ ئاكا» دەپ ئاتايتتى. بۇ نامنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى «ياڭ ۋېنرېن خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسى» دىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەھەللىدىكى ئۇششاق- چۈششەك ئائىلە ئىشلىرى، چوڭراقلىرىدىن ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماجرالار، ياڭ ۋېنرېننىڭ ئالدىغا كەلسىلا ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتەتتى.

 بىر كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا، جۇ يۇڭ «ياڭ ۋېنرېن خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسى» نىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ ياڭ ۋېنرېننى كۆرۈپلا تىت- تىت بولغان ھالدا، قىز دوستىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

 ئەسلىدە، 50 ياشلىق جۇ يۇڭ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر يىل ئىلگىرى 43 ياشلىق بىر ئايال بىلەن تونۇشقان. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ، لېكىن توي خېتى ئالمىغان ئىدى. 

 ياڭ ۋېنرېن ئىشخانىغا كىرىپلا، جۇ يوڭنىڭ قىز دوستىغا تېلېفون بېرىپ، جۇ يۇڭ بىلەن قىز دوستىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئاجرىشىپ كېتىش كەچۈرمىشى بولغاچقا، ھەر ئىككى تەرەپتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، قايتا ئائىلە قۇرۇش ئىشىدا ھەمىشە بىر- بىرىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى بىلدى.

 ياڭ ۋېنرېن بولغان ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇ يۇڭغا بۇنىڭدىن كېيىن گۇمانخورلۇق ئىللىتىنى تۈزىتىشكە نەسىھەت قىلدى. سۆھبەتتىن كېيىن، جۇ يوڭمۇ قىز دوستىغا كەچۈرۈپ سوراپ ئۇچۇر يوللىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، قىز دوستى ئۇنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ، ئىككىسى يارىشىپ قالدى.

 ياڭ ۋېنرېن مۇنداق دېدى: ئائىلە ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، دائىم «ياكى ئېغىز ئىچىپ دېمەيدىغان، ياكى قارىغۇلارچە پەرەز قىلىدىغان» ئەھۋاللارغا يولۇقىمەن. پىكىر ئالماشتۇرۇش ياخشى بولمىسا، ئىككى تەرەپ ئاسانلا سوقۇشۇپ قالىدۇ. ئارىغا سالاچى چۈشۈپ ئىككى تەرەپكە نەسىھەت قىلغاندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىر قەدەر ئاسانغا توختايدۇ.

 فۇشىڭ گۈللۈكى مەھەللىسى فۇكاڭ شەھىرىدىكى چوڭ ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئولتۇراق رايونىدا جەمئىي 37 بىنا بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىڭ 254 ئائىلە، 3 مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايون ئىدى. مەھەللە ئاھالىسى لاۋيۇ ئۇنىڭغا: ئۆيىدىكى يەر ئاستى سۇ يولىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان راۋان ئەمەسلىكى، قوشنىلىرى بىلەن تۇرۇبا يولىنى ئالماشتۇرۇش ياكى سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا ماسلاشمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

 ياڭ ۋېنرېن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، پۈتكۈل كورپۇستىكى ئەۋرەز يولىنىڭ ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. لاۋيۇ، ئەۋرەز يولىنى ھەر بىر ئائىلە ئىشلىتىدۇ، تۇرۇبا يولىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىنى كۆپچىلىك تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. ئەمما، لى فامىلىلىك ئاھالە تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇپ قېلىشىغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسرىماسلىقى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلىماسلىقى سەۋەپ بولغان دەپ قاراپ، چىقىم قىلىشنى خالىمىدى. 

 قوشنىلار ئارىسىدىكى بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ياڭ ۋېنرېن ئارقا سەپ مۇلازىمىتى شىركىتىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن ھازىرقى تۇرۇبا يولى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى باھالاپ، تۇرۇبا يولىنى ئالماشتۇرۇشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ھېسابلاپ چىقتى. ئارقىدىن ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چۈشەندۈرۈشتىن تارتىپ، «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەندەك ئىبارىلەرگىچە ئىشلىتىپ، قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق نەسىھەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قوشنىلار تۇرۇبا ئالماشتۇرۇش ھەققىنى تەڭ چىقىرىشقا قوشۇلدى. تۇرۇبا يولىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ياڭ ۋېنرېن قەرەللىك ھالدا نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا ئەستايىدىل ئىشلەشنى تاپىلىدى. لاۋيۇ ياڭ ۋېنرېننى كۆرۈپلا: «ياڭ ئاكا» ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى يەيدۇ، دېدى.

 ئىگىلىنىشىچە، «ياڭ ۋېنرېن خەلق مۇرەسسەخانىسى» فۇكاڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق مۇرەسسەسىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئىكەن. مۇرەسسە ئىشخانىسىدا سەككىز مۇرەسسەچى بولۇپ، يېشى ئەڭ چوڭى 70 ياش، ئەڭ كىچىكى 52 ياشتا ئىكەن. 

 ياڭ ۋېنرېن مۇنداق دېدى: «ياڭ ۋېنرېن خەلق مۇرەسسەخانىسى» دىكى مۇرەسسەچىلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئارقا سەپ مۇلازىمىتى، بىخەتەرلىك قوغداش خىزمىتى، شۇنداقلا يەنە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقىمۇ مەسئول. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشقا ماھىر كەسىپ ئەھلىلىرى.

 ياڭ ۋېنرېن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىر- بىرىگە ئىتتىرىپ، قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىشنى كەينىگە سۈرسىلا چاتاق چىقىدۇ.