پەرزەنتلىرى ۋاپاسىزلىق قىلسا، ھەدىيە قىلغان ئۆي- مۈلۈكنى قايتۇرۋالغىلى بولامدۇ؟
【发布时间】2019-06-21  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، جاڭ ئەپەندى بىلەن ئايالى ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلگەنلىكتىن، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىدىن بىر يۈرۈش ئۆي بىرىلگەن. ئۇلار بۇ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئوغلى شياۋ جاڭنىڭ نامىغا تىزىملاتقان. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوغلى بۇ ئۆيدە ئەزەلدىن ئولتۇرۇپ باقمىغان، ئۇلار ئۆينى ئىزچىل ئىجارىگە بېرىپ، ئىجارە پۇلىنى ئىشلەتكەن. كېيىن، جاڭ ئەپەندى بىلەن ئايالىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۆي ئىجارە ھەققىنى ئىزچىل جاڭ ئەپەندى ئېلىپ ئىشلەتكەن.

 ئۇلارنىڭ ئوغلى چەت ئەلدە ئوقۇپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەتكە ئىنتايىن ئاز قايتقان. بۇلتۇر، ئۇ تۇيۇقسىزلا مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى سالاھىيىتى بىلەن دادىسىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۆينى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ جاڭ ئەپەندىگە قاتتىق زەربە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە ئوغلى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، ئوغلىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تۇرالغۇ ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوغلىغا ھەدىيە قىلغان ئۆينى قايتۇرىۋىلىشنى تەلەپ قىلغان. 

 ئۇلارنىڭ ئوغلى شياۋ جاڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى سوتتا، شياۋ جاڭنىڭ چەت ئەلدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئۇنچىلىك باياشات ئەمەسلىكى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئاپتوموبىل ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، شياۋ جاڭنىڭ پۇلى بولمىغاچقا ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكى، شۇ سەۋەپتىن ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەدرىجىي يامانلىشىپ كەتكەنلىكى، لېكىن، بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 600 نەچچە مىڭ يۈەن بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەممىسىنى جاڭ ئەپەندىنىڭ ئىشلەتكەنلىكى، شياۋ جاڭنىڭ ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزەلدىن بۇ پۇلنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىغانلىقى، بۇنى دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 قانۇندا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قىلغۇچى ياكى ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئېغىر دەخلى- تەرۇز قىلغان بولسا؛ ھەدىيە قىلغۇچىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛ ھەدىيە توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

 سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ: بىرىنچىدىن، شياۋجاڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پەقەت ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنلا قايتىپ كەلگەن، ئاتا- ئانىسىنى يوقلاش قېتىم سانى ئاز، دادىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت؛ ئىككىنچىدىن، شياۋ جاڭ ئۇزۇن مۇددەت چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۆي ئىگىسىنىڭ نامىنى يۆتكەشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى ئىشلىتىپ باقمىغان. شۇنداقلا ئاتا- ئانىسىغا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلمىغان. دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى ئىزچىل ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىشلىتىپ كەلگەن. جاڭ ئەپەندىمۇ ئەزەلدىن ئۆينى شياۋ جاڭغا تاپشۇرۇپ بېرىش نىيىتىدە بولمىغان. بۇنىڭدىن جاڭ ئەپەندى ئەر- ئايالنىڭ ئوغلىغا ئۆي ھەدىيە قىلىشتا، ئوغلى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى توغرىسىدا قوشۇمچە شەرتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. شياۋ جاڭ ئاتا- بالا مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدەك پاكىت ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، شياۋ جاڭ پەرزەنت سۈپىتىدە، جاڭ ئەپەندى بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ئەھۋالدا، دادىسىدىن بىۋاستە ئۆينى بوشىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ شياۋ جاڭنىڭ قىلمىشىدا روشەن يامان غەرەز بارلىقى ھەمدە ھەدىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشىنىشكە تولۇق ئاساسى بار. جاڭ ئەپەندى ئوغلىغا ھەدىيە قىلغان بۇ ئۆينى قايتۇرىۋالسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

 سوت مەھكىمىسى جاڭ ئەپەندىنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىلغان ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. شياۋ جاڭ ئۆينىڭ %50 ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى جاڭ ئەپەندىنىڭ نامىغا يۆتكەپ بەرگەن.