قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-07-01  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 6- ئاينىڭ 5- كۈنى، باي ناھىيەلىك قانۇن ياردىمى مەركىزىدە، جۇڭگو قانۇن ياردىمى فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ ناھىيەگە ئەۋەتكەن «1+1 قانۇن ياردىمى» ئادۋوكاتى خۇ يوڭفېڭ زىيارەتكە كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋىلىۋاتاتتى.

 بۇ كۈنى، خۇ يوڭفېڭنىڭ باي ناھىيەسىدكى بىر يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا پەقەت 25 كۈنلا قالغان كۈن ئىدى.

 مىچىغ يېزىسىدىكى باقمىچى لى بىڭ خۇيوڭفېڭدىن «قايتىدىغىنىڭىزغا ئاز قالدىمۇ؟» دەپ سورىدى. خۇ يوڭفېڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگو قانۇن ياردىمى فوندى جەمئىيىتىگە بۇ يەردە يەنە بىر يىل تۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى. 

 خۇ يوڭفېڭ، بېيجىڭ «جىڭۋىي» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى. بۇلتۇر 7- ئايدا، ئۇ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان، جۇڭگو قانۇن ياردىمى فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن «1+1 قانۇن ياردىمى» خىزمىتىگە تىزىملىتىپ، باي ناھىيەسىگە كىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى بىر يىللىق قانۇن ياردىمى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تاللىدى.

 خۇ يوڭفېڭ بۇلتۇر 7- ئاينىڭ 9- كۈنى بۇ يەرگە تۇنجى ئىشقا چۈشۈشىگىلا، باقمىچى لى بىڭ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى. لى بىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوستى چېن لىن بىلەن بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئالغان مەزگىلدە، مەلۇم بېلىقچىلىق يەم- خەشەك شىركىتىنىڭ شۆبە سېتىش سودىگىرى جۇ X تىن بېلىق يەم- خەشىكى سېتىۋالغان. جۇ X ھەر قېتىم بېلىق يېمى ئەكىلىپ بەرگەندە، لى بىڭ بىلەن چېن لىن ئۇنىڭغا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن ھەمدە شۇ كەسىپنىڭ ئادىتى بويىچە، شۇ مەزگىلدە كۆلچەكتىن چىققان تاۋار بېلىق باھاسىنى بېلىقنىڭ يەم- خەشەك پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلايدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ، قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ بەرگەن. 

 2012- يىلى، لى بىڭ بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئېلىشتىن چېكىنىپ چىققان. چېن لىن ئۆزى يالغۇز ھازىرغىچە تىجارەت قىلىپ كەلگەن. بۇلتۇر 6- ئايدا، لى بىڭ بىلەن چېن لىن تۇيۇقسىز مەلۇم بېلىقچىلىق يەم- خەشەك شىركىتى تەرىپىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنىپ، بېلىق يەم- خەشەك قەرزىنى قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئاخىرىدا، باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لى بىڭ بىلەن چېن لىننى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 620 مىڭ يۈەنلىك ۋە 790 مىڭ يۈەنلىك بېلىق يەم- خەشەك ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. 

 خۇ يوڭفېڭ بۇ دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ دېلونىڭ قىيىن نۇقتىسى بولغان قەرز ھۆججىتىدە ھەقىقەتەن لى بىڭ بىلەن چېن لىننىڭ ئىمزاسى بارلىقى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ بېلىقنى بېلىقنىڭ يەم- خەشەك پۇلىغا سۇندۇرۇپ بېرىشتەك پاكىتىدا يازما ئىسپات يوقلىقىنى بىلدى. ئۇ دېلو ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە مەلۇم بېلىقچىلىق يەم- خەشەك شىركىتىنىڭ ساختا دەۋاغا چېتىشلىق ئىسپاتىنى تاپتى. بۇ دېلوغا 2- سوت قىلىنغاندا، ئۇ دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، قارشى تەرەپنى 1- سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلدى، ئىككى تەرەپ سوتتا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

 خۇ يوڭفېڭ بۇ دېلونى ئۆزى تۈزگەن «كۈتۈۋېلىش خاتىرىسى» گە يېزىپ قويدى. بۇ خاتىرىگە ئۇ ھەر بىر زىيارەت قىلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، دەۋا تەلىپى ۋە تالاش- تارتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئالاقىلىشىش نومۇرى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە بېرىلگەن جاۋابلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ ماڭاتتى. خۇ يوڭفېڭ «بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىغا پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاش دېلو مىساللىرىنى يەكۈنلەش، ئۆرنەك قىلىش، تەجرىبە توپلاشقا قولايلىق بولىدۇ» دېدى.

 خىزمەت جەريانىدا، خۇ يوڭفېڭ يەنە نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسى قالغان ئىش ھەققىنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش دېلوسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن باي ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ قانۇن ياردىمى مەركىزىدىن ئەھۋالنى ئېنىق سورىۋالغاندىن كېيىن، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە «ئەمگەك تەپتىشلىكى ئەرزنامىسى» يازدى، ئاندىن ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋاقتى ۋە تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.

 بىر يىلدىن بۇيان، خۇ يوڭفېڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى-- شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قانۇنىي ئېڭىنىڭ بارغانسېرى ئۆسكەنلىكى، ھەممە ئائىلىنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلاردا ئادۋوكاتلاردىن مەسلىھەت سورايدىغان بولغانلىقى بولدى. ئۇنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۇ ھازىرغىچە قانۇن ياردىمى دېلوسىدىن 114 نى ۋاكالىتەن بېجىرگەن، 900 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىغا قانۇندىن مەسلىھەت بەرگەن.


相关阅读