ئاچچىقىغا پايلىماي رولغا ئېسىلغان ئايال جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالدى
【发布时间】2019-07-03  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

بۇلتۇر 12- ئايدا، سىچۈەنلىك لياڭ فامىلىلىك ئايال شاڭخەي شەھىرىنىڭ فۇدۇڭ رايونىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا، چۈشىدىغان بىكەتتىن ئۆتۈپ كەتكەچكە شوپۇر بىلەن جاڭجاللىشىپ قالغان ھەمدە ئۆزىنى بېسىۋالالماي رولغا ئېسىلغاچقا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يول ياقىسىدىكى ئاپتوموبىللارغا سوقۇلغان.

  6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي شەھىرى فۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئوچۇق سوت ئاچتى ھەمدە بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، جاۋابكار لياڭ X نى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگەنلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

 شاڭخەي شەھىرى فۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلدى: بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار لياڭ X شاڭخەي فۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى «جىنگاۋ» ئاممىۋى قاتناش چەكلىك شىركىتىنىڭ 783- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، جاڭياڭ يولىدىكى جۈجياچياۋ يولى بېكىتىگە كەلگەندە، ئاپتوبۇستىن چۈشۈش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ۋاڭ ئۇستامدىن ئاپتوبۇسنى توختىتىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مۇشۇ سەۋەپتىن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ قالغان. كېيىن ۋاڭ ئۇستام ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىنى ئىككى قېتىم ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، جاۋابكار لياڭ X ئاپتوبۇستىن چۈشمىگەن. ۋاڭ ئۇستام ئاپتوبۇس ئىشىكىنى يەنە بىر قېتىم تاقاپ ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ ماڭغاندا، جاۋابكار لياڭ X قۇپاللىق بىلەن رولغا ئېسىلغاچقا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئاپتوموبىل يولىدا قاتناش چىرىغىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى ساقلاۋاتقان شاڭخەي «دۇڭجيې» قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان، ھەر ئىككى ئاپتوموبىل ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. باھالاشتا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ زىيانغا ئۇچراش قىممىتى 608 يۈەن، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئاپتوموبىلىنىڭ زىيانغا ئۇچراش قىممىتى 3 مىڭ 138 يۈەن بىكىتىلگەن. تەكشۈرۈشتە، دېلو يۈز بەرگەندە ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئەمەلىي سانىنىڭ جەمئىي 12 ئادەم ئىكەنلىكى، ۋەقەدە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى دەلىللەنگەن. 

 ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار لياڭ X باشقىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلىپ نەق مەيداندا ساقلىغان، لېكىن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلمىغان. تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، لياڭ X ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، لياڭ X نىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شاڭخەي فۇدۇڭ يېڭى رايونى «جىنگاۋ» ئاممىۋى قاتناش چەكلىك شىركىتى، شاڭخەي «دۇڭجيې» قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ 9- تارماق شىركىتىگە تۆلەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 

 ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار لياڭ X نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 114- ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ھېساپلانغاچقا، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 جاۋابكار لياڭ X تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلىگەن پاكىت ۋە جىنايەت نامىغا باشقىچە پىكىردە بولمىغان. 

 ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لياڭ X نى «خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن، بىرىنچى سوتتا ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. 

 سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار لياڭ X يولدا كېتىۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ رولىغا مەجبۇرى ئېسىلىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ئاپتوبۇسنى نورمال ھەيدىشىگە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا پەيدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، كېتىۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان. ئەمما ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان. بۇ، خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن پاكىت ۋە جىنايەت نامى كۈچكە ئىگە، قوللاشقا بولىدۇ.

 بۇنىڭغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.


相关阅读