قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-07-03  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 بىر كۈنى ئەتىگەندە، بىڭتۈەن 10- شى ئەدلىيە ئىدارىسى قوشتولغاي ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياۋېي ئەمدىلا ئىشقا كېلىشىگە شۇ تەۋەلىكتىكى لى فامىلىلىك ئاھالە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كەلدى. 

 لى X بىڭتۈەن 10- شى 184- تۈەن «جىنيۈەن» مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىزغا سۇ باشلايدىغان ئۆستەڭنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى توسۇلۇپ قالغاچقا، ئېتىزىنى سۇ بېسىپ كەتكەن. ئۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى جاڭ X نى ئۆستەڭگە ھىيلە ئىشلەتكەن دېگەن گۇمان بىلەن ئەرز قىلىپ كەلگەنىدى.

 لى X نىڭ ئېتىزى بىلەن جاڭ X نىڭ ئېتىزى قوشنا بولۇپ، ھەر ئىككى ئائىلە بىر ئۆستەڭدىن سۇ باشلايتتى. لى X نىڭ ئېتىزى ئۆستەڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئىككى ئائىلە سۇ ھەققى ۋە سۇغارغان سۇنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى تالىشىپ زىددىيەتلىشىپ قالغانىدى.

 ۋاڭ ياۋېي بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نەق مەيداندا بۇ ئىككەيلەنگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» نى سۆزلەپ ئاخىرى قايىل قىلدى. ۋاڭ ياۋېي يەنە ئۇلارغا: ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ توسۇلۇپ قالغان ئۆستەڭنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ھەر قانداق بىر تەرەپ شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ئۆستەڭنى توسۇۋالماسلىق، ناۋادا ئۇنداق قىلماي قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتسا، مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 ۋاڭ ياۋېينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ماجىرالارنى نەق مەيداندا مۇرەسسە قىلىدىغان مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. ۋاڭ ياۋېي يەنە ھەمىشە ئۆز تەۋەلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇرەسسەنى ھامان ئالدىنقى ئورۇنغا قوياتتى.

 دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى ئەدلىيە ئورنىنىڭ تەۋەلىكىدىكى پۈتۈن رايوننى كېسىپ ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى بار ئىدى. شۇڭا، ھەر يىلى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشقا چېتىلىدىغان ماجرالار كۆپ يۈز بېرىپ تۇراتتى. ۋاڭ ياۋېي: ماجرا يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇرەسسە قىلغاندىن كۆرە، ئالدىنئالا تەكشۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر، دەپ قارايتتى.

 ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن دۆلەت تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 43 ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى دۇكىنىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتى. ۋاڭ ياۋېي بۇ ھەقتە: «دۇكان ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش سۈرئىتىمىز ئاستا بولدى. چۈنكى، ھەر بىر دۇكانغا كىرسەك، دۇكان ئىگىسى ئالاقىدارلارنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت ھەققى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇشنى كەينىگە سۆرەۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىماي دەرد تۆكەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، باشقا جايدىكى سودىگەرلەرنىڭ تەۋەيىمىزدىكى سودىگەرلەرنىڭ مال پۇلىنى نېسى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسىدىنمۇ بىر تالاي بار بۇلاتتى» دېدى. بۇلارغا قارىتا ۋاڭ ياۋېي كۈن بۇيى قاتراپ، مۇرەسسە قىلالىغىنىنى مۇرەسسە قىلدى، مۇرەسسە قىلالمىسا ھەر تەرەپلىمە قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلارنى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا يىتەكلىدى. 

 چېن X ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلاتتى. بەش يىل ئىلگىرى، 184- تۈەندىكى ئىككى سودىگەر چېن X تىن 40 نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋالغان بولسىمۇ، مال پۇلىنى تۆلەشنى ھىلغىچە كەينىگە سۆرەپ كەلگەنىدى. بەش يىلدا، چېن X 10- شىغا 20 قېتىمدىن كۆپرەك كېلىپ مال پۇلىنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، ئالالمىدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، چېن X يەنە بىر رەت كېلىپ سىناپ باقايچۇ دېگەن ئوي بىلەن ۋاڭ ياۋېينى ئىزدىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتلا مال پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى.

 ۋاڭ ياۋېي مۇنداق دېدى: خەلق مۇرەسسەسى زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ «بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى». قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن خەلق مۇرەسسەسىنى تولۇق بىرلەشتۈرگەندىلا، زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

 يېقىندا، ۋاڭ ياۋېي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىدىكى ئۈلگىلىك نامزات» لار قاتارىدا تاللاندى.


相关阅读