​ئۈندىدار، چىقىمداندىن پۇل ئېلىپ ئىشلىتىش، ئامانەت پۇلىنى يوشۇرۇش قىلمىشى ئىجرانى رەت قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرەمدۇ؟
【发布时间】2019-07-11  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى يۇڭجيا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى جاۋابكار جىن X بىلەن فۇ X نىڭ ئەل ئىچى ئېلىم- بېرىم ماجراسى دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، «جىن X نى فۇ X دىن ئالغان قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قوشۇلۇپ 111 مىڭ 20 يۈەن قايتۇرۇش» قا ھۆكۈم قىلدى. جىن X ھۆكۈمنى ئۆز قەرەلىدە ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى فۇ X يۇڭجيا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى يۇڭجيا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىن X كە ئىجرا ئۇقتۇرۇشى، مال- مۈلۈكنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئەمما، جىن X يەنىلا قەرزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرمىدى. شۇنداقلا، سوت مەھكىمىسىگە مال- مۈلۈك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلمىدى.2017- يىلى 10- ئايدا، يۇڭجيا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق، جىن X نىڭ نامىدىكى بىر پىكاپنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتتى. جىن X فۇ X كە دىرى ۋە ئۆسۈمى بولۇپ يەنە 56 مىڭ 656 يۈەن 3 مو قەرز قايتۇراتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىن X نىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ئىككى ئۈندىدار، چىقىمدان ھېساباتىنى ئىشلىتىپ، كەينى- كەينىدىن مەبلەغ سودىسى قىلغانلىقى، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، يۇقىرىقى ئىككى ئۈندىدار، چىقىمدان ھېساباتىدىن جەمئىي 74 مىڭ 600 يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى ئالغانلىقى، بۇ مەزگىلدە، چىقىمدان ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىنىڭ كۆپ قېتىم 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقى بايقالدى.

 يۇڭجيا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ: «جاۋابكار جىن X خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى، قىلمىشى ئېغىر. بۇنىڭدىن ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ» دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى، جاۋابكار جىن X نىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىپ بېكىتكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىك جازا بېرىش ھەمدە جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە جاۋابكار جىن X كە ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، سەككىز ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.