قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-07-11  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 6- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى مىغ- مىغ ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان ئىدى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ دېرىزىلىرى ئوچۇق بولۇپ، پونكىت باشلىقى ۋاڭ ۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تازىلىق قىلىۋاتاتتى. ۋاڭ ۋېي: «ئامما ھەر قېتىم تازىلىق ئۆيىنى ئىشلىتىپ بولۇشىغىلا تازىلايمىز. ھەر بىر كىشىگە خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ناھايىتى پاكىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

 ۋاڭ ۋېي 2010- يىلى شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچىلار قوشۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ، كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالاھىدە ساقچىغا ئايلاندى. تۆت يىللىق ئالاھىدە ساقچى ھاياتىدا، ئۇنىڭدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

 ھەر قېتىملىق مەشىقتە ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، جىسمانى قۇۋۋىتى بارا- بارا ياخشىلىنىپ، ماھارىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ، تېرىسى قارىداشقا باشلىدى.

 ۋاڭ ۋېينىڭ بوۋىسىمۇ، دادىسىمۇ ھەربىي بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى بەكلا قوللايتتى. بىر كۈنى، ئۇنىڭ دادىسى قومۇلدىن ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئالغاچ كەلدى. ۋاڭ ۋېي بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدى ۋە دادىسىغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساقچى بولغاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشى ۋە ئالغان تەسىراتى ئىدى. دادىسى قايتىش ئالدىدا ئۇنىڭغا: «ياخشى مەشىق قىلىپ، ياراملىق ساقچى بولۇڭ» دەپ تاپىلىدى.

 خېلى ئۇزۇندىن كېيىن، ۋاڭ ۋېي ئاندىن شۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن ياتقاندىن كېيىن، بېيجىڭغا داۋالىنىشقا يۆتكەلمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى. دادىسى ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان، ھەتتا كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكنى ئۇنىڭغا ئازراقمۇ چاندۇرمىغان ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى. 

 ۋاڭ ۋېينىڭ قاڭشىرىدا بىر تارتۇق بولۇپ، چارلاشقا چىققاندا يارىلانغانلىقتىن قالغان ئىز ئىدى. ئۇ ساقچى بولغاندىن بۇيان، سەككىز قېتىم يارىلاندى.

 ئەمدىلا ئالاھىدە ساقچى بولغان مەزگىلدە، دالىدا ئېغىر مەشىققە قاتنىشىپ، كۈچلۈك ئاپتاپتا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رىئاكسىيەسىگە ئۇچراپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىن چاتاق چىقىپ، ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ كېسىلى يېرىم يىلدىن كېيىن ساقايدى. ئەمما، ئۇ ساقچىلىق كەسپىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىدىغان سىناقلىرىنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. 

 2012- يىلى ۋاڭ ۋېي بىلەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدىكى سەپداشلىرى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشتى. شۇ يىلى قىشتا، قار- مۇز دەستىدىن يول تېيىلغاق بولغاچقا، بىر ئاپتوموبىل ئاسما كۆۋرۈكتە ئۆرۈلۈپ كەتتى. ۋاڭ ۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغىلى بېرىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇۋاتقاندا، قارشى يۆنىلىشتىن تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان بىر پىكاپ ئۇنى سوقۇۋەتتى.

 ئەينى چاغدا پىكاپ توختىغاندا، پىكاپنىڭ باش قىسمىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلىۋاتاتتى، ۋاڭ ۋېي نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى. ۋاڭ ۋېي ئەتىسى سەھەر سائەت تۆتتە دوختۇرخانىدا ھوشىغا كەلگەندە، كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان رەھبەرلىرىنى كۆرۈپمۇ تونۇيالمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ باش قىسمى ئېغىر زەخمىلەنگەچكە، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىسىنى يوقاتقان، ئوڭ پۇتىنىڭ پېيى ئۈزۈلگەن بولۇپ، قاتتىق ئاغرىق ئازابى ئۇنى قىيناۋاتاتتى.

 ۋاڭ ۋېي پائال داۋالىنىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. گەرچە، ھازىر بوران چىقىپ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى قاتتىق ئاغرىيىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تاتۇقلار ئۇنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ياشلىق باھارى بەدىلىگە كەلگەن، تاقىغان ساقچى بەلگىسىگە مۇناسىپ ئىزلار قالغانىدى.

 2014- يىلى ۋاڭ ۋېي ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئورگان ئىشلىرى ساقچىسى؛ ئىككى يىلدىن كېيىن، خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى بولدى. ۋاڭ ۋېي ساقچى بولۇشقا يېڭىدىن كىرىشكەندە، ساقچىلارنىڭ بۇرچى-- جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، ئاممىنى قوغداش دەپ قارايتتى. ئەمما، ساقچىلارنىڭ پۇقرالار بىلەن بۇنچە چوڭقۇر، قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

 چوڭ بازار خەلققە قولايلىق مەركىزى ساقچى ئىشلىرى پونكىت تەۋەلىكىنىڭ ئامانلىق مۇھىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ۋاڭ ۋېي سەپداشلىرى بىلەن تەكرار چارلاپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل مەھەللىدە تىنچ، ئىناق مۇھىت بەرپا قىلدى. 

 كوچا- كويلارنىڭ ئامانلىقى، جەمئىيەت مۇھىتى ياخشىلاندى. خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى زېھنىنى يەنە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا قاراتتى. ناھايىتى تېزلا ۋاڭ ۋېي سەپداشلىرى بىلەن بىللە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. قىشتا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتسە، ۋاڭ ۋېي مەھەللە خادىملىرى بىلەن بىللە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، سۇ تۇرۇببىلىرىنى رېمونت قىلدى؛ تەۋەلىكتىكى تىجارەتچىلەر تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماي قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندا ئالدى بىلەن خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى. 

 ئۈرۈمچى چوڭ بازار، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى كىچىك بازارلارغا كىلىدىغان ئادەم كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتەتتى. ۋاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىپ، كۈندىلىك چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ كوچىغا كىرىشىنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ئىناق ئامانلىق مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

 ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا 23 مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى رەتلىك، پوزىتسىيەسى قىزغىن، مەدەنىي، ئەدەپلىك بولۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.