پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئېلىپ- ساتقانلار جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
【发布时间】2019-07-16  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 يېقىندا، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت مەھكىمىسىگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش دېلوسىنى ئەيىبلىدى.

 جاۋابكار جاڭ X جەرەنبۇلاق رايونىدىكى بىر قاشتېشى بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ مەسئولى بولۇپ، ئىزچىل قاشتېشى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۈنچە- مەرۋايىت زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، ئىلگىرى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن ئاز مىقداردا پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىۋالغان. گەرچە، ئۇ دۆلەتنىڭ پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملىرىنى ئېلىپ- سېتىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، پايدا قوغلىشىش ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسى بىلەن، پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى باشقا قاشتېشى زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىلەيزۈك، مارجان ياساپ ساتقان. جاڭ X ئۆزىنىڭ بۇ «ئەپچىل چارىسى» نىڭ يەرلىكتىكى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا، زاڭ مال بىلەن قولغا چۈشكەن. 

 خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا: «جاۋابكار جاڭ X نى قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن» دەپ قاراپ، بەش ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەمدە 3 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. جاڭ X سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۈنمىدى. 

 پىل چىشى-- ئاسىيا ئەركەك پىلى، ئافرىقا پىلى، مامونت پىلىنىڭ چىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاسىيا پىلى دۆلەت 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان، ئافرىقا پىلى قانۇن بويىچە دۆلەت 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان دەپ تەستىقلانغان. دۆلىتىمىز پىل چىشى ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، توشۇش، سېتىش ۋە ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى مەنئى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا پىلى، ئافرىقا پىلى بىردەك «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» دىكى ھايۋانات تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. دۆلىتىمىز، ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

 «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ پىل چىشى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى سودا خاراكتېرلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ھەرىكىتىنى تەرتىپلىك توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تەلىپىدە: «2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، پىل چىشى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىدۇ، پىل چىشى سودىسى ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ، پىل چىشىدىن ياسالغان ھەر قانداق بۇيۇمنى سېتىۋېلىش، توشۇش، سېتىش ھەرىكەتلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ» دېيىلگەن. 

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا: «دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلىغان، ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلارغا، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.