قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-07-16  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى جىنايى ئىشلار ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېن ۋېي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى داڭلىق زەھەر چەكلەش قەھرىمانى.

 بۇ يىل 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 11 لەر ئەتراپىدا، چېن ۋېي ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نۆۋەتچىلىك ئورنىدا ياش خەلق ساقچىلىرى بىلەن خىزمەت تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پىكر ئالماشتۇردى.

 نۆۋەتچىلىك ئىش ئورنىدىن ۋوگزال سۇپىسىغىچە بولغان نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىق-- چېن ۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ زەھەر چەكلەشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ يەردىن يولۇچىلار ئۆتىدىغان ئون نەچچە مىنۇتنى چېن ۋېي «ئالتۇن ۋاقىت» دەپ ئاتايتتى.

 ئالتە يىل ئىلگىرى، چېن ۋېي ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىكى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتىگە ۋاقىتلىق مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش-- بۇ شۆبە ئەترەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەت مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىناتتى.

 بۇ ئەترەتتە ئەزالار كۆپ ئەمەس، ھەممىسى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدىكى ھەر قايسى تارماق، ئورۇنلاردىن ئاجرىتىلغان قابىل كۈچلەر ئىدى. شۆبە ئەترەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يۆتكەپ كېلىنگەن خەلق ساقچىلىرى كۈن بويى بۇ خىزمەتنىڭ جاپالىقلىقى، خىزمەت نەتىجىسىگە ئېرىشىشنىڭ تەسلىكىدىن ۋايساپ يۈرەتتى. 

 چېن ۋېي ھېچنېمە دېمەستىن، ھەر كۈنى بىرلا خىل خىزمەتنى تەكرارلايتتى. ئۇ ئارقا- ئارقىدىن قولغا چۈشۈرگەن زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ بىردىنلا غەيرىتى ئاشاتتى.

 ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىر ئەترەتنى يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرىنەرلىك ئىدى. چېن ۋېي ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋوگزالدا تېز توشۇلىدىغان يۈك- تاقلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

 شۇنداق قىلىپ، ۋوگزالنىڭ يۈك- تاقلارنى تېز توشۇش تىجارەت بۆلۈمى ئۇ ھەر كۈنى چوقۇم تەكشۈرۈپ كۆزىتىدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، چېن ۋېي تېز يوللانما تالونىغا بىر قاراپلا، ئىشنىڭ باش- ئايىغىنى دەڭسىيەلەيدىغان بولدى. 

 چېن ۋېي بىر قېتىم تېز توشۇلىدىغان يۈك- تاق بېلىتىنى تەكشۈرگەندە، شەرقىي شىمال تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن، مەھسۇلات نامى دېگەن كاتەكچىگە «دورا» دەپ توشقۇزۇلغان تۆت پوسۇلكىدا چاتاق بارلىقىنى بايقىدى. كېيىن، ئۇ بۇ ماللارنىڭ ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال ساقچىلارنى باشلاپ يۈك- تاق قويۇش ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈردى. 

 چېن ۋېي مالنىڭ پۇرىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ھۆكۈم قىلىپ، پوسۇلكا ئىچىدىكى نەرسىنىڭ نەشە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ يۈك- تاق ئۆيىنىڭ سىرتىدا مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ساقلىدى.

 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، چېن ۋېي ساقچىلارنى باشلاپ ئۈچ جىنايەت گۇماندارى ۋە 123.95 كىلوگرام نەشىنى قولغا چۈشۈردى.

 شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ۋېي كۆپچىلىكنى باشلاپ يەنە نۇرغۇن زەھەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش دېلولىرىنى پاش قىلدى.

 چېن ۋېينىڭ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىدە بىر يۈرۈش تاكتىكىسى بار ئىدى. بىكار چاغلاردا، ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرى ئۇنى ئورۇۋېلىپ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى.

 بەزى يولۇچىلار كۆزلىرىنى قەستەن قاچۇراتتى، بەزىلەرنىڭ ياسىنىشى ئۆزىگە ماس كەلمەيتتى. مانا بۇلار، چېن ۋېينىڭ نەزىرىدىكى «گۇمانلىق كىشىلەر» ھىساپلىناتتى. قىسقىسى، ئۇ بۇنداق كىشىلەردىن گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقاشقا ماھىر ئىدى.

 چېن ۋېي ئۆزى يەكۈنلىگەن زەھەر چەكلەش تەجرىبىلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ، ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تەكشۈرۈشلەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى سۆزلەپ، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىپ بېرەتتى. بۇنىڭ بىلەن، ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرى بۇنداق ماھارەتلەرنى ناھايىتى تېز ئىگەللىۋالاتتى.

 ھازىر، چېن ۋېينىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۆبە ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ تۇتۇش ماھىرلىرىغا ئايلاندى؛ چېن ۋېي يەكۈنلىگەن زەھەر چەكلەش تەجرىبىلىرى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى.