دۆلىتىمىز چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ
【发布时间】2019-07-17  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

 يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، چېگرادىن چىقىپ قىمار ئويناشقا تەشكىللەش، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى مەركەزلىك رازۋېدكا قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى بىر تۈركۈم قىمارخانىلارنىڭ ئېلىمىز چېگرىسى ئىچىدە خېرىدار چاقىرىپ قىمار ئويناش ۋە توردىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش جىنايى شايكىسى تورىنى بىتچىت قىلىش؛ چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قاتارلىق جىنايەتلەرنى مەبلەغ راسچوتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر تۈركۈم «يەر ئاستى سەرراپخانا» ۋە توردا چىقىم قىلىش سۇپىلىرىغا زەربە بېرىپ، چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش جىنايىتىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر تۈركۈم دۆلەت ئىچىدىكى تور تىجارىتى سودىگەرلىرى ۋە شىركەتلىرىنى بىتچىت قىلىپ، چېگرا ھالقىپ توردا قىمار ئوينايدىغانلارنى كۈچلۈك چۆچۈتۈش كېرەك. قىمار ئويناشنى چەكلەش بويىچە خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان قىمارغا چېتىشلىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش؛ خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش، تۈزەش خىزمىتى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.