ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى بالىسىنى ئويلاپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى
【发布时间】2019-08-06  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى سوت قىلدى. دېلودىكى جاۋابكار ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە يېنىك جازا بەردى.

 7- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاڭ X ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دىكى سۇجۇ يولى بىلەن بېيجىڭ يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىكىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ قان ئېلىپ تەكشۈرۈشىدە مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ X نىڭ 100 مىللىگىرام قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 168 مىللىلېتىر بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىگە يەتكەن.

 ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ۋاڭ X نى ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپ قوللىنىپ، ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

 دېلونى سوت قىلىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ۋاڭ X نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىدى. ۋاڭ X ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايىتىگە باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، «ۋاڭ X نىڭ يول قاتناش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ۋاڭ X نىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ھەمدە جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا تەۋە، جازا ئۆلچىنىدىغان چاغدا يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ» دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ۋاڭ X كە ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى، قوشۇمچە 2 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

 ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ X شۇ كۈنى دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ، تاماق يېگەچ ھاراق ئىچكەن. تاماقتىن كېيىن، ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتقان. بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىز بۇ يول بۆلىكىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ- كېلىدىغان يول ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، پۇشايمان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاپتوموبىلنى يول بويىغا توختىتىپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

相关阅读