تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرىدۇ
【发布时间】2019-08-08  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9- تەپتىش كوللىگىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ خىزمەتكە كىرىشىشىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەھلى ـ تەرۈز قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغان، 2018- يىلىدىن بۇيان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تاشلىۋېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 103 دېلودىكى 140 ئادەمنى،يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 3 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەيىبلىگەن. 

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9- تەپتىش كوللىگىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش خىزمىتىنىڭ سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرىلىدۇ. جۈملىدىن، دەۋا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى دېلوسى بولسىمۇ دېلو تۇرغۇزماسلىق، جىنايىتى بولسىمۇ سۈرۈشتۈرمەسلىك، ئېغىر جىنايەتكە يېنىك جازا ھۆكۈم قىلىش قەتئى نازارەت قىلىپ تۈزىتىلىدۇ؛ ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى جازالاش، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، پاراۋانلىق قاتارلىق ئاپپاراتلاردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاشلىۋېتىلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا دوكلات قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.


相关阅读