ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ
【发布时间】2019-08-08  作者:zulhumar  来源:新疆新闻在线网

  7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى 2019- يىللىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك دۇكانلىرى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سالدى. 

  تۈزەش ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك دۇكانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچتا ئېنىق ئايرىلمىغان، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمىگەن كىچىك دۇكانلارنى قايتىدىن بېكىتىپ، تەۋەلىكىدىكى كىچىك دۇكانلارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھەممە يەرنى قاپلاش، دائىرە سىرتىدىكى رايون بولماسلىق، چۈشۈپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. يېمەكلىك دۇكانلىرىنىڭ خام ئەشيا سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ساقلانغان خەۋپ- خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك دۇكانلىرى تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش جەھەتتە «تولۇق قاپلاش، قەتئى يول قويماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش» تەك خىزمەت ئۆلچىمى بويىچە، مەكتەپ ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدىكى يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، يېمەكلىك تىجارىتى ھەرىكىتى، تىجارەت سورۇنىنىڭ مۇھىت تازىلىقى، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى كېيىنكى قەدەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىجازەتنامە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ۋەدىنامىسى، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى، يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلىتىش مۇندەرىجىسى، كەسپكارلارنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتى، ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، «بىر تۈركۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمنى ئۆستۈرۈش، بىر تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تەلىپى بويىچە، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


相关阅读