قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ
【发布时间】2019-08-08  作者:zulhumar  来源:新疆新闻在线网

  يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىسى يىشىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش دېلوسىنى قانۇن بويىچە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى. جاۋابكار چېن X، دىڭ X، چۈ X قاتارلىق ئۈچ كىشى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە ئىككى يىل توققۇز ئايدىن، تۆت يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 5 مىڭ يۈەندىن 8 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلدى. 

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جاۋابكار دىڭ X جياڭسۇ ئۆلكىسى يىشىڭ تاغلىق رايونىدىكى مەلۇم بىر جايدا بىر قەدىمىي قەبرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ قەبرە ئىچىدە گۆھەر بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، بۇ خەۋەرنى دوستى چېن X بىلەن چۈ X كە يەتكۈزگەن. بۇ ئۈچەيلەن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ھەمدە كۆپ قېتىم تاغقا چىقىپ، گۆھەر ئىزدىگەن. چېن X مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى بولۇپ، ئىلگىرى قەبرە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ باققان. قەبرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولغاچقا، توپا- تاشلىرى نېپىزلەپ كەتكەن. ئۇلار چارلاپ بىر قەدىمىي قەبرىنى تاپقان. 2017- يىلى 11- ئايدا، ئۈچەيلەن قەدىمىي قەبرىنى ئۇدا ئىككى كېچە ئوغرىلىقچە قازغان. چېن X، دىڭ X گۈرجەك بىلەن تۆشۈك ئاچقان، چۈ X توپا يۆتكەشكە مەسئۇل بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا قەبرىنى ئېچىپ، قەبرە ئىچىدىكى ساپال قاچىدىن ئۈچنى، مىس كۆرگۈدىن بىرنى، مىس قونداقلىق ئوقيادىن بىرنى ئوغرىلىغان.

  2017- يىلى 12- ئايدا، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى قەدىمىي قەبرىنىڭ ئوغرىلىقچە قېزىلغان ئىزىنى بايقىغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتكەن. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چۈ X نى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە چۈ X نىڭ ياردىمىدە جاۋابكار چېن X بىلەن دىڭ X نى قولغا چۈشۈرگەن. ئۈچ جاۋابكار تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

  كېيىن، نەنجىڭ مۇزېيى قېزىلغان قەبرىستانلىقنىڭ شەكلى مۇكەممەل، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تىپىك ئالتە سۇلالىلەر دەۋرىگە مەنسۇپ، ئالتە سۇلالىلەر دەۋرىدىكى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. ئوغرىلانغان ئۈچ ساپال قاچا غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىگە، مىس كۆرگۈ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە، مىس قونداقلىق ئوقيا غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، دەپ باھالاپ بېكىتتى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار چېن X، دىڭ X، چۈ X لار تارىخ، سەنئەت، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي قەبرىنى ئوغرىلىقچە قېزىپ قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت پاكىتى ۋە جازا ئۆلچەش ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا جاۋابكار چېن X كە قانۇن بويىچە ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 6 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش؛ جاۋابكار دىڭ X كە تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 8 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش؛ جاۋابكار چۈ X كە ئىككى يىل توققۇز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.


相关阅读