پۇخرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئايروپىلان بېلىتىگە باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ
【发布时间】2019-08-09  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 پۇخرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئاممىۋى ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورتىنىڭ يولۇچىلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دا: «ئايروپىلان بېلىتىگە يولۇچىلارغا ئۇختۇرماي تۇرۇپ، باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، توشۇغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، كېچىكتۈرۈلسە ياكى يولۇچىلار يارىلىنىش، كېسەل سەۋەبىدىن بېلەتنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا ۋە ياكى ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن بېلەت قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۆزگەرتىش ھەققى ۋە بېلەت باھا پەرق سوممىسىنى ئېلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

 «قوشۇپ سېتىش» دېگەنلىك تىجارەتچىلەر تاۋار ساتقاندا خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا تاۋارنى قوشۇپ سېتىش ياكى باشقا نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قوشۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، قوشۇپ سېتىش بەزى سودىگەرلەرنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالدى. توردىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ باققان نۇرغۇن يولۇچىلار، ئەسلىدە پەقەت ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلغان بولسىمۇ، ئايرۇپىلان بىلىتىگە كۆپ خىل سۇغۇرتا، مېھمانخانا ئېتىبار كارتىسى قاتارلىقلارنى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا قوشۇپ سېتىۋالىدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باققان.

 بىلەتكە باشقا نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ سېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا كارخانىلارنىڭ پايدا قوغلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قوشۇپ سېتىش ھادىسىسىنى ئايروپىلان بېلىتى ۋاكالەتچىلىكىدىكى شېرىنكانە ئەندىزىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە، بىر ئايروپىلان بېلىتىنىڭ قايتىدىغان پايدىسى %5 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇمۇ سودىگەرلەرنىڭ پايدا قوغلىشىش مۇددىئاسىنى كۈچەيتكەن.

 ئەمەلىيەتتە، «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» دا، توردا ئايروپىلان بېلىتى سېتىشتا دائىم كۆرۈلىدىغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى قوشۇپ سېتىشقا چەك قويۇلغان بولۇپ، «قوشۇپ سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى يولۇچىلارنىڭ بىلمەي تۇرۇپ قوشۇلۇش تۈرى قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. قوشۇپ سېتىش ئەھۋاللىرى قايتا- قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ. بۇ بەزى سودىگەرلەرنىڭ پايدا قوغلىشىشىدىن باشقا، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋاستىسى ياكى سالمىقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن سودىگەرلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقتا. شۇڭا، ئالاقىدار تارماقلار «قوشۇپ سېتىش» نى قاتتىق چەكلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى چىقارغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامۇۋاپىق «قوشۇپ سېتىش» قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىشى كېرەك.

相关阅读