ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئون دەرسى» يان تېلېفون ئەپ دېتالىنىڭ كارتا سۈركەش ھىيلە- مىكىرىنى ئېچىپ بەردى
【发布时间】2019-08-17  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 پائالىيەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 4- دەرىجىلىك ئالىي تەپتىشى شيې لىڭ شياۋ ۋېننىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. شيې لىڭ مۇنداق دېدى: بىر كۈنى شياۋ ۋېن توردىن «سەھەر تۇرۇشقا جەڭ ئېلان قىلىش ئۆمىكى» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالىنى كۆرگەن. ماقالىدا، ئۇلارنىڭ يان تېلېفون ئەپ دىتالىدا كارتا سۈركەش پائالىيىتىگە قاتناشسا، ئۆزىگە- ئۆزى مەدەت بېرىپ، بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇرۇپلا قالماي، يەنە پۇل تاپقىلىمۇ بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

 شياۋۋېن ئويۇن قائىدىسىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، قاتناشقۇچىلاردىن 10 يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە جەڭ ئېلان قىلىش پۇلىنى ئالدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدىن، يەتتە يېرىمغىچە بولغان ۋاقىتتا يان تېلېفون ئەپ دىتالى سۇپىسىغا چىقىپ كارتا سۈركىشى كېرەكلىكى، ئەگەر شۇ كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كارتا سۈركىسە، نىسبەت بويىچە كارتا سۈركىيەلمىگەنلەرنىڭ جەڭ ئېلان قىلىش پۇلىنى بۆلۈپ مۇكاپات قىلىپ تارقىتىدىغانلىقى؛ ئۇدا 21 كۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك كارتا سۈركىگەندىن كېيىن، سۇپىدىن جەڭ ئېلان قىلىش پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى؛ ئەگەر شۇ كۈنى ۋاقتىدا كارتا سۈركىمىگەن بولسا، ئالدىن تۆلىگەن پۇلى سۇپا تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ، شۇ كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كارتا سۈركىگەن جەڭ ئېلان قىلغۇچىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقى؛ ئەگەر شۇ كۈنى ۋاقتىدا كارتا سۈركىمىگەنلەر داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا، مۇكاپات پۇلىنى قايتىدىن تۆلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بىلگەن.

 شياۋ ۋېن، داۋاملىق پۇل سېلىپ تۇرساملا، زىيان تارتماي پايدا ئالالايدىكەنمەن، يەنە باشقا جەڭ ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ پۇلىنىمۇ ئالالايدىكەنمەن. جەڭ ئېلان قىلىش پۇلىنى قانچە كۆپ تاپشۇرسام، مۇكاپاتقا شۇنچە جىق ئېرىشىشىشم مۇمكىن، دەپ ئويلاپ،ئىككىلەنمەستىن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ يان تېلېفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىرقانچە ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرى بىلەن ئەپ دىتالىغا كىرىپ پۇل سېلىپ، دەسلەپتە ئۇدا بىرقانچە قېتىم نەچچە يۈز يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.

 ئۇزاق ئۆتمەي، شياۋ ۋېن تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بارلىق ھېسابات نومۇرى بىلەن ئەپ دىتالىغا كىرگىلى بولمايۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، خېرىدارلار مۇلازىمىتىگە تېلېفون قىلغان، خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئۇنىڭغا ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈش كېرەكلىكى، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە شياۋ ۋېندىن مۇناسىۋەتلىك سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

 بەش كۈندىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلغاندا: «كارتا سۈركىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى» دېگەن ئاۋازلىق جاۋاپنى ئاڭلىغان. يەنە تېلېفون قىلسا ئۇلانمىغان. شياۋ ۋېن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلغان. تەپتىش مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: دېلو مىسالىدىكى ئالدامچىلار «ئۆز- ئۆزىنى ساغلاملاشتۇرۇش» دېگەن نامىدا، ئۆزىگە- ئۆزى مەدەت بېرىش، پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىق ناملار بىلەن ئۆزىنى پەدەزلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى پۇل سېلىشقا قىزىقتۇرۇپ، يان تېلېفون ئەپ دېتالى بىلەن كارتا سۈركەپ جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاندىن ئارقا سۇپا تەرتىپى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ۋە مۇكاپات سوممىسىنى بېكىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بۇنى ئەپ دېتال ئالدامچىلىقى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يوشۇرۇن پۇل يىغىشى دېيىشكە بولىدۇ.

 بۇنداق ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تەپتىش: «راۋان يولنىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا، ئىشەنچلىك يول ئارقىلىق يان تېلېفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ. بۇنىڭدا ئاۋۋال ھۆكۈمەت تەرەپ تورىدىن چۈشۈرۈش، ئۇنىڭدىن قالسا ئىناۋىتى ياخشى ئۈچىنچى تەرەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرۈشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.