ئەپ دېتالدا شەخسلەر ئۇچۇرىنى توپلاشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قۇيىلىدۇ
【发布时间】2019-08-17  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

يېقىندا، مەملىكەتلىك ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى «ئۇچۇر بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى كۆچمە ئالاقە تورىدا قوللىنىپ شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشنى قىلىپلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. ئالاقىدار تارماقلارمۇ بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىشقا باشلىدى.

 لايىھەدە، كۆچمە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىغاندا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كۆچمە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ شەخسلەر ئۇچۇرىنى توپلاش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

 لايىھەدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئەڭ ئاز ئۇچۇر- مەلۇم بىر مۇلازىمەت تىپىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا زۆرۈر بولغان شەخسلەر ئۇچۇرى، جۈملىدىن مۇلازىمەت تىپى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان، كەم بولسا بۇتۈردىكى مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ياكى نورمال يۈرۈشتۈرگىلى بولمايدىغان شەخسلەر ئۇچۇرى، ھەمدە قانۇن- نىزام قاتارلىق قېلىپلاشقان ھۆججەتلەردە چوقۇم توپلاش تەلەپ قىلىنغان شەخسلەر ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەڭ كىچىك ھوقۇق دائىرىسى مەلۇم بىر مۇلازىمەت تىپىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا زۆرۈر بولغان ئەڭ ئاز سىستېما ھوقۇق چەكلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

 لايىھەدە، تور ئەپ دېتالنىڭ ئەڭ ئاز ئۇچۇرىغا قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش، توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش، دەرھال ئالاقىلىشىش، بىلوگ مۇنبىرى، توردا چىقىم قىلىش، ئاخبارات ئۇچۇرى، توردا مال سېتىۋېلىش، قىسقا سىن، تېز يەتكۈزۈش، سىرتقا يېمەك- ئىچمەك سېتىش، قاتناش بېلىتى، مۇھەببەتلىشىش- ئۆيلىنىش، خىزمەت ئىزدەش، تەكلىپ قىلىش، پۇل قەرزى ئېلىش، ئۆي ئىجارىگە بېرىش- سېتىش، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى، تەنھەرىكەت- بەدەن چېنىقتۇرۇش، كېسەل كۆرسىتىش نومۇرى ئېلىش، تور كۆرگۈچ، كىرگۈزۈش ئۇسۇلى، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 لايىھىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: توردا چىقىم قىلىش ئەپ دېتالى بىر قەدەر چوڭ ھوقۇق دائىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ئىسىم- فامىلىسى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى، بۇيرۇق، يەنە بانكا كارتىسى نومۇرى، بانكا كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يىغىشقا بولىدۇ. دەرھال ئالاقىلىشىش تۈرىدىكى ئەپ دېتالىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى كىچىك بولۇپ، پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى، بۇيرۇق قاتارلىقلارنى يىغىدۇ. گەرچە، بۇ خىل يۇمشاق دېتاللار ئابونتلارنىڭ دوستلىرى ۋە توپ تىزىملىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىسىمۇ، ئەمما ئابونتلارنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى مەجبۇرىي ئوقۇماسلىقى كېرەك. يول باشلاش خەرىتىسى ئەپ دېتالىغا كەلسەك، پەقەت ئىككى خىل ئۇچۇرنى يەنى، ئابونتلارنىڭ تور كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرىنى توپلاشقا بولىدۇ. لايىھەدە يەنە ھەر خىل مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ئەڭ تۈۋەن ھوقۇق دائىرىسى بىكىتىلدى. مەسىلەن، توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش ئەپ دېتالىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش، تېلېفون بىرىش ھوقۇق دائىرىسى؛ قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا ئەپ دېتالىنىڭ ساقلاش ھوقۇق دائىرىسى؛ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەپ دېتالىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ھوقۇق دائىرىسى ۋە سېنزور ھوقۇق دائىرىسى؛ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەپ دېتالىنىڭ ساقلاش ھوقۇقى، ئەمەلىي ھېساباتقا ئېرىشىش، تېلېفون ھالىتىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، قىسقا ئۇچۇر ھوقۇقى بولىدۇ.

相关阅读