چۇڭچىڭ ساقچىلىرى باۋ شىجيې ئاپتوموبىل ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ يولدىشى ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلارغا چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
【发布时间】2019-08-17  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، «باۋشىجيې» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن ئايال شوپۇرنىڭ يولنى توسۇۋالغان ئەرشوپۇرنىڭ يۈزىگە شاپىلاق سالغاندىن كېيىن شىلەپىسى ئۇچۇپ كەتكەن سىن كۆرۈنىشى توردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ كۈنى، «باۋشىجيې» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن بۇ ئايال شوپۇر بەلگىلىمە بويىچە كەينىگە بۇرۇلمىغان، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، شىلەپە كىيىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى نومۇر تارتىلغان، 250 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، ئايال شوپۇر بىلەن ئەر شوپۇر ئۆزئارا ئەپۇ سوراپ، مۇرەسسە كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېيىن، توردا «باۋ شىجيې» ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن ئايال شوپۇر لى يۆنىڭ بىرقانچە سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدەشنى ياخشى كۆرىمەن، دائىم قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتىمەن، نومۇر تارتسا يوق قىلىۋىتەلەيمەن» دېگەن سۆزلىرى ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى، كىرىم مەنبەسى، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن گۇمانلانغان.

 بۇ ئىشنى چۇڭچىڭ شەھەرى يۈبىي رايونلۇق ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ئىچكىرىلەپ تەكشۈردى ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ: «باۋ شىجيې ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن ئايال شوپۇر لى يۆنىڭ 2016- يىلى 3- ئايدىن ھازىرغىچە جەمىي 29 قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قېتىم قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى يوق، ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنغان. بىراق ئۆزگەرتىلگەن، يوق قىلىۋىتىلگەن ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس» دېدى.

 لى يۆ: «ئىلگىرى ئېيتقان ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدەش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تارتىلغان نومۇرنى يوق قىلىۋېتىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى شۆھرەتپەرەسلىك سەۋەبىدىن قىلىنغان تۇترۇقسىز گەپلەر» دېدى. لى يۆنىڭ يولدىشى توڭ شياۋخۇا ئىلگىرى يۈبېي رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى شىچۇەن ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى بولغان. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خىزمەتتىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن، شىچۇەن ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

相关阅读