ھاراق ئىچىشكەن دوستلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنى دەرياغا سەكرەشكە كۈشكۈرتتى، دوستى دەريادا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنداقتا، كۈشكۈرتكۈچى يامان نىيەتتە بولمىسىمۇ يەنىلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
【发布时间】2019-08-17  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 ھاراق ئىچىپ ھاياجانلىنىپ كەتكەنلەر مەستلىكتە جۈرئەتلىنىپ، نۇرغۇن خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئادەتتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشتىن يۈز بېرىدىغان تىراگېدىيەلەرمۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى بىر ئېغىز ئاچچىق گەپ مەستنىڭ دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 جاڭ X 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى مىنخۇ ناھىيەسىدىكى مەلۇم KTV ئايرىمخانىسىدا ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن. بۇ مەزگىلدە، جاڭ X ياندىكى ئايرىمخانىدا دوستى ياڭ X قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئىككى ئايرىمخانىدىكىلەر بىر- بىرىگە ھاراق تۇتقان. ھاراق ئىچىپ تويغاندىن كېيىن، جاڭ X جاھىللىق بىلەن ئۆيگە قايتىشقا ئۇنىمىغان، ياڭ X قاتارلىقلار بىرلىكتە نەسىھەت قىلسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. كېيىن جاڭ X ھاراقنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دوستى بىلەن چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ يەنىلا قايىل بولماي، ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە داۋاملىق بەسلەشمەكچى بولغان. ياڭ X بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، جاڭ X نى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئەتراپىغا تارتىپ ئاپارغان، ھەمراھ بولۇپ كەلگەن دوستلىرىمۇ ئەگىشىپ كەلگەن.

 ياڭ X جاڭ X نى ئۆيىگە قايتىشقا نەسىھەت قىلسىمۇ، جاڭ X يەنىلا قايتىشقا ئۇنىمىغان. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى دەريا بويىدا بولغاچقا، ياڭ X ئاچچىقى بىلەن جاڭ X كە: «دەرياغا سەكرەشكە جۈرەت قىلالامسەن؟» دېگەن. كىم بىلسۇن، ياڭ X نىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، جاڭ X دەرياغا سەكرىگەن. ياڭ X گەرچە دەرھال جاڭ X بىلەن بىللە سەكرەپ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن تراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمىغان، جاڭ X ئاخىرى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. كېيىن، جاڭ X نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىنخۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياڭ X قاتارلىق كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلىرى ئۈچۈن جەمئىي 980 مىڭ يۈەننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، ياڭ X نىڭ بۇ ۋەقەدە بەلگىلىك خاتالىقى بار، جاڭ X نىڭ ئۆلۈش ئاقىۋىتىگە قارىتا %10 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، ياڭ X نى جاڭ X نىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 47 مىڭ 342 يۈەن 1 مو 3 فۇڭ تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى. جاڭ X نىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ باشقا دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى. ھازىر ھۆكۈم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولدى.

 سوتچى سوتتىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ «ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» نىڭ 6- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خاتالىق نىسبىتىگە ئاساسەن، ياڭ X %10 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

相关阅读