سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە مائۇسنى چەكسىلا توردا دېلو تۇرغۇزغىلى بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە 10 مىنۇت كېتىدۇ
【发布时间】2019-08-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، سانجى شەھىرىدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى لى X ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئۆزىمىز دېلو تۇرغۇزساقمۇ بولىدىكەن، شۇنچە قىسقا ۋاقىتتىلا پۈتىدىكەن».

 يېقىندا، لى X دەۋا ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن دەۋا مۇلازىمىتى ماشىنىسىدا دېلو تۇرغۇزۇپ، سالاھىيىتىنى دەلىللەش، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەلىل- ئىسپاتلارنى تەسۋىر كۆچۈرۈشتىن ئەڭ ئاخىرىدا دېلونى تاپشۇرۇشقىچە 10 مىنۇتلا سەرپ قىلدى.

 بىر گەۋدىلەشكەن دەۋا مۇلازىمىتى ئاپتوماتىك ماشىنىسى ئۆز ئالدىغا دېلو تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە دېلو سۈرۈشتۈرۈش، قانۇن- نىزام، ھۆججەت شەكلى، سوت ئېچىش ئۇختۇرۇشى، دەۋاغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق دەۋا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دەۋالاشقۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

 بۇ يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تۇنجى توردا دېلو تۇرغۇزۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى دەۋالاشقۇچى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىدىكى مەلۇم شىركەت شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى دەۋا مۇلازىمەت تورىغا چىقىپ، توردا سالاھىيەت دەلىللەش، ھەق تەلەپ دەۋا ئەرزنامىسى ۋە ئالاقىدار دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يوللاپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ دېلو تۇرغۇزۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى. دېلو تۇرغۇزغان سوتچىلار دېلونى يىراقتىن قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىغا پوچتا ئارقىلىق دەۋا ماتېرىيالى ئەۋەتىشنى ھەمدە دەۋا ھەققىنى بانكىدىن يوللاشنى ئۇقتۇردى. دەۋالاشقۇچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، جۇڭگو سوت تەرتىپى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تورىدا دەۋا ھۆججەتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق يەتكۈزۈپ، دەۋا مۇلازىمىتىدە ئارىلىق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

 6- ئاينىڭ 17- كۈنى، سانجى ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدىكى قانۇن خىزمەتچىسى لۈ X دەۋالاشقۇچى نى X نىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماناس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماناس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى توردا تىزىملاپ دېلو تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى تاماملىدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنئەنە بىلەن پەن- تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تور بىلەن تور سىرتىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچىغا ئايلاندۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك رەقەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

 سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلونى «بىر قېتىمدىلا تۇرغۇزۇش، توردا تۇرغۇزۇش ئۆزى تۇرغۇزۇش، يېقىن ئەتراپتا تۇرغۇزۇش» نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

 بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دېلو قوبۇل قىلىش ئورنىدا يېڭىدىن توردا دېلو تۇرغۇزۇش ۋە رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش كۆزنىكى تەسىس قىلدى ھەمدە توردا دېلو تۇرغۇزۇش ۋە رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇشقا مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، توردا ۋە رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش دەۋا مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 1- كوللېگىيەسى تېلېفوندا مەسلىھەت سوراپ دېلو تۇرغۇزغان سىرتتىن كەلگەن دەۋالاشقۇچىلارغا شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى دەۋا مۇلازىمەت تورىدا دېلو تۇرغۇزۇش ئىلتىماسى سۇنۇشنى پائال تەۋسىيە قىلىپ، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىغا توردا دېلو تۇرغۇزۇشنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ توردا دېلو تۇرغۇزۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى بارغانسېرى كۆپ دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئادۋوكاتلار قوللىنىشقا باشلىدى.

 بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى توردا 36 دېلو تۇرغۇزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 19 دېلو تۇرغۇزدى. 

相关阅读