دېسنىي باغچىسى <باغچىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى سومكىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش> ئىشىغا ئىنكاس قايتۇردى
【发布时间】2019-09-14  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  شاڭخەي دېسنىي باغچىسىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى باغچىغا كىرىش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە باغچىغا يېمەكلىك ئېلىپ كىرىش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆزى يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى باغچىغا ئېلىپ كىرىشىگە يول قويۇش توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  شاڭخەي دېسنىي ئارامگاھى رايونىنىڭ ئامانلىق ساقلاش، بىخەتەرلىك، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى شۆ بىنجۈن: «ساياھەتچىلەر قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىسسىق ساقلاش ۋە غىدىقلاش پۇرىقى بار يېمەكلىكلەردىن باشقا، ئۆزى ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى شادلىق باغچىسىغا ئېلىپ كىرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغچە رايونىدا كۆپ خىللاشقان يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوخشىمىغان تۈر، تەم ۋە باھادىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول يىمەك- ئىچمەك تاللىشى بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەر داۋاملىق بوتۇلكىلىق سۇ ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ باغچىغا كىرسە بولىدۇ. شادلىق باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 50 نەچچە بىۋاسىتە ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى ۋە 20 نەچچە ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىمۇ ساياھەتچىلەرنى داۋاملىق سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇ بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى باغچىغا ئېلىپ كىرىش داۋاملىق چەكلىنىدۇ» دېدى.

  شۆ بىنجۈن: «شاڭخەي دېسنىي باغچىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ھازىر بار بولغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق سومكا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ دوستانە، ئادىمىيلەشكەن تەرتىپ ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق، سومكا تەكشۈرۈشنىڭ ساياھەتچىلەرگە بولغان تەسىرىنى پەسەيتىدۇ ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەسىلەن، X نۇرلۇق ئاپارات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، بۇنى ئادەم كۈچى مۇلازىمىتىگە قوشۇمچە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باغچىغا كىرىش تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېدى.

 

相关阅读