توردا شەخسلەر ئۇچۇرىنى ھايىنىغا ساتقانلار جازالىنىدۇ
【发布时间】2019-09-15  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  1996- يىلى تۇغۇلغان چېن X تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىدى. 2018- يىلى 8- ئايدا، چېن X توردىشى بىلەن پاراڭلىشىپ شەخسىي ئۇچۇرنى ھايىنىغا سېتىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، چېن X تورغا چىققاندا بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تېزراق پۇل تېپىش كويىدا بولغان. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چېن X بىر «سۈيلەپ ئېلىش» باش تېمىسىدىكى چاپلىمىدا توردىشى «يەن رۇيۈ» بىلەن تونۇشقان، «يەن رۇيۈ» نىڭ تەكلىپى بىلەن چېن X، ئۇنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ھايىنىغا سېتىش «سودىسى» بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىشكە باشلىغان.

  «يەن رۇيۈ» چېن X كە ئىسىم- فامىلىسى ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن باشقىلارنىڭ يان تېلېفون نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، پەقەت چېن X ئىسىم- فامىلىسى بىلەن كىملىك نومۇرىنى تەمىنلىسىلا، «يەن رۇيۈ» پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئىزدەپ تاپىدىغانلىقىنى، ئاندىن يان تېلېفون نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى سىتىپ، ئارىدىن پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  چېن X «سودا پۇرسىتى» نى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا توردىكى نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرى ۋە ئىسىم- فامىلىسىنى بىلىدىغان «خېرىدار» بىلەن ئالاقىلاشقان، «يەن رۇيۈ» «خېرىدار» تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرى ۋە ئىسىم- فامىلىسى بىلەن يان تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، ھەر بىرىنى 2 يۈەن 7 مودىن 4 يۈەنگىچە بولغان باھادا چېن X كە سېتىپ بەرگەن، چېن X يەنە ھەر بىرىنى 3 يۈەندىن 4 يۈەن 5 موغىچە باھادا «خېرىدار» غا سېتىپ، ئارىدىن پايدا ئالغان.

  بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە چېن X مەكتەپ ياتىقىدا يۇقىرىقىدەك ئۇسۇلدا جەمئىي 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 15 لەر ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چېن X نى ياتىقىدا تۇتقان ھەمدە دېلو سادىر قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىككى يان تېلېفوننى قولغا چۈشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېن X نىڭ يان تېلېفونىدا ئىسىم- فامىلىسى، كىملىك نومۇرى ۋە تېلېفون نومۇرى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر خاتىرىسىدىن جەمئىي 11 مىڭ 134 ئى ساقلانغانلىقى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، ساقچىلار چېن X نىڭ توردىكى شىرىكى «يەن رۇيۈ» ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىش، سېتىشقا قاتناشقان باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىز قوغلاپ تۇتماقتا.

  تەپتىش ئەمەلدارى تەكشۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چېن X دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ساتقان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا ئۆلچىمى بويىچە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ».

 كېيىن قانۇن بويىچە ئەيىبلەش ئارقىلىق، چېن X جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، جازاغا تارتىلىپ، قانۇننى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى.

相关阅读