باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىۋىلىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟
【发布时间】2019-09-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  بۈگۈنكى كۈندە، تورنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر «نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش ئۇسۇلى» ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولماقتا. مەيلى مال سېتىۋېلىش ياكى سەپەرگە چىقىش بولسۇن، پەقەت ئىناۋەتلىك كارتا سۈركەپ ھەتتا يان تېلېفوننى ئىشلىتىپلا پۇل تۆلىيەلەيدۇ. ئەمما، كۆپچىلىك بۇنداق قولايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەلگىلىك خەۋپ- خەتەرگىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

  يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى مىڭشەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى دېلوسىنى ئېلان قىلدى.

  جاۋابكار جېڭ X ئۆزىنىڭ چىقىمدان ھېسابات نومۇرىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەي X نىڭ كىملىك ئاساسىي ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىشلىتىپ، مەلۇم بانكىنىڭ توردا بىۋاسىتە سېتىش بانكىسىدىن «دەي X» نامىدا بانكا كارتىسى ۋە چىقىمدان ئىلتىماس قىلغان.

  شۇنىڭدىن كېيىن، جېڭ X خاككىرلارنىڭ مەخپىي نومۇرنى يېشىدىغان ساختا تور ئۇلانما تەرتىپى ئارقىلىق چىقىمدان ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرغان دەلىللەش بېتىدىن ئۆتۈپ، دەي X نىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلغان بانكا كارتىسى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان چىقىمدان ھېسابات نومۇرىنى باغلاپ، كارتىنى قوزغاتقان ھەمدە بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، دەي X نىڭ نامىدىكى باشقا نورمال ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن بانكا كارتا نومۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشكەن ھەمدە ئۇنى ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان چىقىمدانغا باغلىغان. ئۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەي X نىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەن. بۇ مەزگىلدە، جېڭ X يەنە بىر QQ نومۇرىدا دەي X نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئىشلىتىپ «سەيفۇتۇڭ» نى رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە بۇنى دەي X نىڭ بانكا كارتىسىغا باغلاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەي X نىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەن.

  ئاخىرىدا، جېڭ X دەي X نىڭ نامىدا چىقىمدان ياكى «سەيفۇتۇڭ» ئارقىلىق، دەي X نىڭ بىر قانچە بانكا كارتىسىدىكى پۇلدىن تەخمىنەن ئالتە مىڭ يۈەننى ئېلىپ ئىشلەتكەن.

  مىڭشەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جېڭ X نى ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن مىڭشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلىدى. مىڭشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا 1- سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، جاۋابكار جېڭ X نى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىۋالغان، سوممىسى بىر قەدەر كۆپ، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قاراپ، جاۋابكار جېڭ X كە 7 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

 

相关阅读