ئاپتونوم رايون تور بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
【发布时间】2019-09-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تور بازىرى مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ 11- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە 2019- يىللىق تور بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى «تور شەمشىرى ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى: ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىجازەت مۇھىتى يارىتىش؛ توردا ساختا، ناچار مەھسۇلات، بىخەتەر بولمىغان يېمەكلىك ۋە ساختا، ناچار دورىلارنى سېتىشقا قاتتىق زەربە بېرىش؛ ئالاقە تورى ئېلانلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلان، توردىكى ساختا تەشۋىقاتلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئالاقە تورىدىكى ناتوغرا رىقابەت ۋە شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ تور توختامىنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ تور بازىرىنى نىشانلىق كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسى، كېنىشكىسى، ماركىسى ئېنىق بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.

  جايلاردىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىمەكلىك، دورا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساختا تاۋار، بىخەتەر بولمىغان يېمەكلىك ۋە ساختا، ناچار دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، سېتىشقا قاتتىق زەربە بېرىش مېخانىزمنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تور تاۋار سودا بازىرى، تور ساياھەت بازىرى، چاغانلىق تور بازىرىنى نىشانلىق كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپ 700 دىن ئارتۇق يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس ھەرىكەتتە، يۇقىرىقى يىپ ئۇچى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرى مەركەزلەشكەن مەسىلىلەرنى تۈزەيدۇ.

 

相关阅读