ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك
【发布时间】2019-09-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 ئەمدى، دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرگە سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانداق قوغداشنى ئەسكەرتىمىز.

 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى شياۋ فاڭ مەلۇم پەن- تېخنىكا شىركىتىگە كىرىپ، ئېلان بۆلۈمىدە سېتىش باش نازارەتچىسى بولغان. 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى شياۋفاڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان. شياۋفاڭ كېسىم ۋە دەۋا تەرتىپى ئارقىلىق، پەن- تېخنىكا شىركىتىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوت قىلىش جەريانىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە: ئىككى تەرەپ مۇددىتى 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولغان ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 6 ئاي قىلىپ پۈتۈشكەن. 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى پەن- تېخنىكا شىركىتى شياۋفاڭنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ شياۋفاڭنى ئىشتىن بوشاتقان. دەۋادا، پەن- تېخنىكا شىركىتى ھەم شياۋفاڭنى ئىشلەتكەندە شياۋ فاڭغا قوبۇل قىلىنىش شەرتىنى ئېنىق ئۇقتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتنى كۆرسىتەلمىگەن ھەم شياۋفاڭنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتنىمۇ كۆرسىتەلمىگەن.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، «پەن- تېخنىكا شىركىتى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمىدى. شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى پەن- تېخنىكا شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ قاراپ، پەن- تېخنىكا شىركىتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلدى دەپ بېكىتىپ، پەن- تېخنىكا شىركىتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تۆلەم پۇلى بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى. 

 بۇ دېلونى بىجىرگەن سودىيە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى› نىڭ 39- ماددىسىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەكچىنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇنىڭغا ئاساسەن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندا، ئەمگەكچىگە قوبۇل قىلىش كونكرېت شەرتىنى ئېنىق ئۇقتۇرغانلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى ھەمدە سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەكچىنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك».


相关阅读