ساياھەتتە قىلتاق كۆپ، قېلىپلىشىپ قالغان قىلتاقلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ
【发布时间】2019-09-18  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ساياھەت بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەت توختامى تۈزۈش ئىستېمالچىلارنىڭ ساياھەتكە چىققاندا ئومۇميۈزلۈك تاللايدىغان بىخەتەر ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لېكىن، رېئاللىقتا، ئۇزۇندىن- ئۇزۇن تۈزۈلگەن توختام ماددىلىرىغا بەزى ئادىل بولمىغان، نامۇۋاپىق ماددىلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى بار، ئىستېمالچىلار بۇنى دەماللىققا بايقىيالمايدۇ. ئىستېمالچىلار كۆپ ھاللاردا ماددىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئوقۇماي ياكى تەپسىلىي چۈشەنمەي تۇرۇپلا، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئالدىن تۈزۈپ چىققان «ئەندىزىلىك توختام» غا يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىمزا قويۇپ، ماجىرا يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىگەن «قېلىپلىشىپ قالغان قىلتاق» قا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا ھوقۇقىنى قوغدىشى تەسكە توختايدۇ.

 جاۋ خانىم مەلۇم ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن «چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش توختامى» ئىمزالىغان ھەمدە 15 مىڭ يۈەن خىراجەتنى ئالدىن تاپشۇرغان. جاۋ خانىم سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، چوڭلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقتىن سەپەرگە چىقىشقا ئامالسىز قىلىپ، توختامنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، ساياھەت كوپىراتىپىگە توختامنى بىكار قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان زىياننى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساياھەت كوپىراتىپىدىن قالغان خىراجەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

 جاۋ خانىم كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، يولغا چىقىشقا يەنە تۆت كۈن قالغان ئىدى. توختامدا، ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشقا تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە قالغان ۋاقىتتا ئۆمەكتىن چېكىنسە، ساياھەت خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %70 ئى بويىچە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ، دېگەن پۈتۈم بار ئىدى. لېكىن ساياھەت كوپىراتىپىدىكىلەر: «توختامدا پۈتۈشكەن سومما ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئەمەلىي زىيىنىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ. <ئەگەر يۇقىرىقى نىسبەت بويىچە تۆلەنگەن زىيان ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپنىڭ ئەمەلىي زىيىنىنى تۆلەشكە يەتمىسە، ساياھەتچىلەر ئەمەلىي زىيان بويىچە ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپقا تۆلەم تۆلىشى كېرەك> دېگەن ماددا بويىچە ئىجرا قىلىمىز، دېگەن. جاۋ خانىم بۇنى ئادىل بولمىدى دەپ قاراپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. 

 سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىقىپ، ساياھەت كوپىراتىپى تەمىنلىگەن «ئەندىزىلىك ماددا» ساياھەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئادىل ئەمەس. شۇڭا، ساياھەت كوپىراتىپى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يېنىكلىتىش يۈزىسىدىن تۈزگەن بۇ ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى.

 بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1- سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى تونۇشتۇرۇپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى» نىڭ 65- ماددىسىدا، ساياھەتچىلەر توختامنى بىكار قىلغان ئەھۋالدا، ساياھەت كوپىراتىپى زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، قالغان پۇلنى ساياھەتچىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن، دېدى. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ساياھەت كوپىراتىپىنى زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن قالغان 10 مىڭ 500 يۈەننى جاۋ خانىمغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

 بېيجىڭ شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ تەيجاڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋۇ چېن مۇنداق دېدى: ساياھەت بازىرى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى تەرەپ «ئەندىزىلىك ماددا» ئارقىلىق ھوقۇق- مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرماسلىقى كېرەك. ھەر قېتىم توختام تۈزگەندە ئۇزاق ۋاقىت قايتا- قايتا كېڭىشىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. لېكىن «ئەندىزىلىك ماددىلار» «زومىگەر ماددا» غا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.

 ۋۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەندىزىلىك ماددا» بىلەن تەمىنلىگەن تەرەپ دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قارشى تەرەپكە جاۋابكارلىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى چەكلىنىدىغان ماددىلارغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشى، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، ماددىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 مۇتەخەسسىسلەر: ساياھەتچىلەر «ساياھەت توختامى» تۈزگەندە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، سەپەر جەريانىدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى بېكىتىپ، ساياھەت توختامى تۈزگەندە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشقا دىققەت قىلىش؛ توختامنى تەكشۈرۈشتە ئەستايىدىل بولۇپ، توختامدا پۈتۈشمىگەن مۇھىم ئىشلار ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق بولمىغان، باشقىچە مەنىسى بولغان ماددىلارنى ساياھەت تىجارەتچىلىرىگە ۋاقتىدا ئېيتىپ، مۇناسىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، قوشۇمچە ماددىلارنى كىرگۈزۈش شەكلىدە ئالاھىدە پۈتۈشۈشنى ئەسكەرتتى.      


相关阅读