​ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۆز ئىختىيارىچە <مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش> كۈچكە ئىگىمۇ؟
【发布时间】2019-09-27  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 «ھەممەيلەن ياخشى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا نى داخوڭ رول ئالغان سۇ داچياڭنىڭ قىلىقلرىنى كۆرگەن كىشىنىڭ تېلېۋېزورنى ئۆچۈرۈۋەتكىسى كېلىدۇ. ھەتتا، بەزىلەر «ياشانغانلارنى بېقىشقا توغرا كەلسىمۇ، سۇ داچياڭدەكلەرنى باقماسمىز» دىيىشكەن ئىدى.

 بۇ گەرچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭدا ئوغلىنى ئەتىۋارلاپ قىزىنى كەمسىتىش، ئوغلىغا يان بېسىش، ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلەشكە كۆزى قىيماي، پەرزەنتلىرىدىن تۇرمۇش پۇلى ئېلىش قاتارلىق تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن تۇرمۇشنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئىدى. ئەگەر، تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئاتا- ئانىغا ئۇچراپ قالسا، پەرزەنتلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ 

 سۇ داچياڭ ئادەتتە بالىلىرىغا چىراي ئاچمايدۇ، پۇلنىڭ گېپى چىقسىلا چىرايى ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ «يېمەي- ئىچمەي پۇل يىغىش» قىلمىشى پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بەزى تورداشلار مۇنداق دىيىشتى: «سۇ داچياڭغا ئوخشاش بۇنداق ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى، پەرزەنتلىرىنى قىلچە ئويلىمايدىغان ئادەم پېنسىيە پۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسۇن».

 لېكىن، بۇنداق تەكلىپ قانۇن ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ. ياشانغانلارنى بېقىش قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى. بېقىش ئۆلچىمىدە ياشانغانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى چەك قىلىنىدۇ ھەمدە ئائىلە، پەرزەنتلەرنىڭ كىرىمى، يۈكى قاتارلىق ئامىللار ئەتراپلىق ئويلىشىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەگەر ياشانغانلارنىڭ پېنسىيە پۇلى، ئۆي ئىجارە ھەققى قاتارلىق كىرىملىرى بولسا، بۇ كىرىملەرنى بېقىش خىراجىتىگە توغرىلاشقا بولىدۇ. يەنى، پەرزەنتلىرىنىڭ بېقىش ھەققى مۇناسىپ دائىرىدە مۇۋاپىق كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ پەرزەنتلەرنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ پەرزەنتلەرنىڭ يۈكىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. 

 سۇ داچياڭغا ئوخشاش مۇقىم پېنسىيە پۇلى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا يەتسە، سوت مەھكىمىسى ئادەتتە پەرزەنتلىرىگە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تەلەپنى قويمايدۇ. لېكىن، كىرىمى ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە يەتمىسە، يەتمىگەن قىسمىنى پرىنسىپ جەھەتتە پەرزەنتلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 بېقىش پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشلا ئەمەس، ماددىي شارائىت بېقىشنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت، ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تېخىمۇ مۇھىم. دۆلىتىمىزنىڭ «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» غا ئاساسلانغاندا، بېقىش مەجبۇرىيىتى ئاساسلىقى «ياشانغانلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللى بېرىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەر يەنە ياشغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللى بېرىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.