قەرز ئېلىش ھۆججىتىنىڭ مۇددىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
【发布时间】2019-09-29  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  قەرز ھۆججىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى دەۋانىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بولۇپ، «دەۋا سۈرىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەۋا سۈرۈكى «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» نىڭ 135- ماددىسىدىكى «خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشنىڭ دەۋا سۈرۈكى ئۈچ يىل بولىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا» دېگەن بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىپ، قەرز ئېلىش ھۆججىتىدە يېزىلغان ۋاقىتنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەيلى قانداق ئەھۋالدا قەرز ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، پەقەت قەرزدار قەرزنى قايتۇرۇشقا تىگىشلىك مۇددەتتە قايتۇرمىغاندا، ئەگەر ھەقدار دەۋا قىلىش يولىغا ماڭسا، ئاندىن بۇ«كۈچكە ئىگە مۇددەت» بولىدۇ.

  قەرز ئېلىش ھۆججىتىدە قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئېنىق پۈتۈشكەندە، دەۋا سۈرىكى پۈتۈشكەن قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىدىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە ھىساپلىنىدۇ. ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان ھەقدار ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن: A تەرەپ B تەرەپتىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى پۇل قەرز ئالغان. 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى ۋاقتى توشسىمۇ قايتۇرمىغان. B تەرەپنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. B تەرەپ چوقۇم 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن بۇرۇن دەۋا قىلىشى كېرەك. دەۋا سۈرىكى ئۆتۈپ كەتسە تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، دەۋا سۈرىكىنى ئۇزارتىشنىڭمۇ ئامالى بار. مەسىلەن: B تەرەپ 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن بۇرۇن، ئەگەر 11-، 10- ئايلاردا A تەرەپتىن قەرز سۈيلىگەن بولسا ھەمدە بۇ قەرز سۈيلەش جەريانىدىكى ئۈن، ھۆججەت، گۇۋاھچى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا دەۋا سۈرىكى شۇ چاغدىن باشلاپ قايتا ھېسابلىنىپ، ئۈچ يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  ئەگەر، قەرز ھۆججىتىدە قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا، ھەقدار قەرزداردىن خالىغان ۋاقىتتا قەرز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا؛ قەرزدارمۇ خالىغان ۋاقىتتا ھەقدارغا قەرز قايتۇرسا بولىدۇ. قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، دەۋا سۈرىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 يىل بولىدۇ؛ ھەقدار ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە دەۋا قىلسا بولىدۇ، يەنى قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۈچ يىل ھېسابلىنىدۇ. قەرز ئېلىش ھۆججىتى بىلەن قەرزدارلىق ھۆججىتى ھەقدارلىق ئىسپاتىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي كۈچى يۇقىرى- تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ. قەرزدار قەرزدارلىق ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، ھەقدار ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن بولىدۇ؛ دەۋانىڭ سۈرىكى قەرزدار قەرزدارلىق ھۆججىتى يېزىپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، ھەقدار قەرزدار قەرزدارلىق ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. قەرز ئېلىش ھۆججىتىنىڭ سۈرىكى قەرز ئالغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، دەۋا سۈرىكى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتسە، ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالماي، دەۋا ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.