داۋالانماقچى بولسىڭىز، جاھانكەزدى تېۋىپلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ
【发布时间】2019-09-30  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چىشې شۆبە ئىدارىسى بىر ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى. ئۆزىنى «دوختۇر» دەپ ئاتىۋالغان دۇڭ X بۇلتۇر 2- ئايدىن بۇ يىل 1- ئايغىچە، تۈرلۈك ناملار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شيې X نىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

  ساقچىلار بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مالۇماتىنى تاپشۇرىۋىلىپ، 2- ئاينىڭ 28- كۈنى گۇاڭجۇدا جىنايەت گۇماندارى دۇڭ X نى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلار تەكشۈرۈپ، دۇڭ X نىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە دوختۇرلۇق كەسپى گۇۋاھنامىسى يوقلىقى، داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ئۇنداقتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شيې X نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن قىلچىلىك گۇمانلانمىدى؟ بۇنى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  دۇڭ X 2016- يىلى 5- ئايدا، «مۇتەخەسسىس دوختۇر» سالاھىيىتى بىلەن بىر پەردازخانىدا كېسەل كۆرىۋاتقاندا، شيې X ئۇنىڭغا ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە كۆرۈنگەن. شيې X نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى يامان ئەمەس بولغان. بۇلتۇر، شيې X نىڭ ئوغلىنىڭ ئاق كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشقاچقا، شيې X دۇڭ X نى ئېسىگە ئالغان. دۇڭ X شيې X نىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋىلىپ، ئۇنىڭغا قولىدا ئاق كېسەلنى داۋالايدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا بارلىقى، لېكىن باھاسىنىڭ بىر قەدەر قىممەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شيې X ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، سېتىۋېلىپ سىناپ باقماقچى بولغان. بىر مەزگىل سىناپ باققاندىن كېيىن، شيې X نىڭ ئوغلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا سەل ياخشىلىنىش بولغان. شۇنىڭ بىلەن، «دۇڭ دوختۇر» غا تېخىمۇ قايىل بولغان.

  شيې X ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ خىل «ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا» نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 100 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىگەن. كېيىن دۇڭ X يەنە ئەسۋاب بىلەن داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شيې X كە باھاسى تېخىمۇ قىممەت ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرنى ساتقان. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، دۇڭ X چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى داۋالاشقا تەكلىپ قىلىش دېگەندەك كۆپ خىل ناملار بىلەن، ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ شيې X نىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

  شيې X ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە قەرز بولۇپلا قالماي، يەنە بانكىدىنمۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. بۇ يىل 1- ئايغا كەلگەندە، شيې X نىڭ يولدىشى ئايالىنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دۇڭ X نى ئىزدەپ بارغان. دۇڭ X: «شيې X نى ماڭا كېسەل كۆرسىتىڭ دەپ مەجبۇرلىمىدىم. ئۆزى خالاپ كەلدى» دېگەن. شيې X نىڭ يولدىشى ئامالسىزلىقتىن بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

  جىنايەت گۇماندارى دۇڭ X ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، شيې X نى ئالدىغانلىق جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئاتالمىش «ھىندىستاننىڭ خىسلەتلىك تېۋىپى»، «ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس» ۋە «ئامېرىكا دوختۇرخانىسىدىن جۇڭگوغا كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان دوختۇر» دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي شيې X نىڭ يېنىدىن كۆپرەك پۇل ئالداپ ئېلىۋىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭدىن دورىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىغاندا، دۇڭ X بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسىنى توردىكى بىر قىسىم ئاق كېسەلنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلاردىن ئىنتايىن تۆۋەن باھادا سېتىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ بوتۇلكىسىغا پارچىلاپ قاچىلىغانلىقى، ئاندىن «ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا» سۈپىتىدە شيې X كە سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن شيې X نىڭ ئوغلى بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

  ھازىر جىنايەت گۇماندارى دۇڭ X ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.

  تېببىي دورا تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتقۇچىلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ، داۋالانماقچى بولسىڭىز يەنىلا مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاڭ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق «جاھانكەزدى تېۋىپ» لارغا ھەرگىز ئىشىنىپ كەتمەڭ.