ئوق پويىزغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
【发布时间】2019-10-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كورلا جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئوق پويىزدا تاماكا چېكىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئىككى يولۇچى قانۇن- نىزاملارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرىدا جەرىمانە تۆلەپلا قالماي، يەنە 180 كۈنگىچە پويىزغا چىقىشى چەكلەندى.

 9- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 17 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان C8810 قېتىملىق پويىزدا، 8- ۋاگوننىڭ ئىس- تۈتەكتىن سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى تۇيۇقسىز جىددىي سىگنال بەردى. پويىز باشلىقى ئەھۋالنى دەرھال بۇ قېتىمقى پويىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان پويىز ساقچىسى فېڭ خاۋغا مەلۇم قىلدى. فېڭ خاۋ ساقچى ئەھۋالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ۋاگون ۋە كونكرېت ئورۇننى تەكشۈردى. 

 نەق مەيداننى بېكىتكەندىن كېيىن، فېڭ خاۋ بىلەن پويىز باشلىقى تېزلىكتە 8- ۋاگوننىڭ ھاجەتخانىسىغا باردى. نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى ئەر يولۇچى تاماكا چەككەچ پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، پويىز ساقچىسى ئۇنىڭغا تاماكىنى تېز ئۆچۈرۈشنى ئېيتقاندا، ئىككىيلەن پەرۋا قىلمىغان ھالدا: «بىر تال تاماكا چەكتۇققۇ شۇ، ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار» دېدى.

 فېڭ خاۋ نەق مەيداندا ئىككىسىگە: «ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېز، ھىم ئېتىلگەن، پويىزدىكى پاراۋوز، ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىلىرى ئىس- تۈتەك، ئوتقا ئىنتايىن سەزگۈر. پويىزنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پويىزغا نۇرغۇن كاشىلا سېنزورى ۋە ئىس- تۈتەكتىن سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، بىرەرسى تاماكا چەكسىلا سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى سىگنال بېرىدۇ. پويىز سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ماڭىدۇ ھەتتا توختايدۇ» دېدى. 

 تاماكا چېكىش قىلمىشى سائەت 17 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، پويىزنىڭ ئىس- تۈتەك سىگنال سىستېمىسى سىگنال بەرگەندىن كېيىن، پويىز سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، سائەت 17 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە ئاندىن سۈرئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

 تەكشۈرلىشىچە، تاماكا چەككەن ئىككەيلەن ۋاڭ X بىلەن دى X بولۇپ، ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەندە، ئىككىلىسى تۇنجى قېتىم ئوق پويىزغا ئولتۇرغانلىقى، ئوق پويىزدا تاماكا چەكسە بولمايدىغانلىقى، تاماكا چەكسە پويىزنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن، بىلمەسلىك ئىككىسىنىڭ جازادىن قېچىشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. بارلىق ئوق پويىزلارنىڭ ۋاگونلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ۋوگزالنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىمۇ تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئالاقىدار تەشۋىقات مەزمۇنى ئاڭلىتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككىيلەنگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كورلا جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تەرىپىدىن 1 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈريول لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، 180 كۈن ئىچىدە پويىزغا چىقىشى چەكلەندى.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يولۇچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول گۇرۇپپىسىدىكى پويىزدا تاماكا چەكسە، 500 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگىچە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 180 كۈنگىچە پويىزغا ئولتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەگەر، تاماكا چېكىپ پويىز ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. تۆمۈريول ساقچىلىرى يولۇچىلارغا ھەرگىز تەلەي سىناش ئويىدا بولماسلىقى، بولمىسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.