​كۆكتوقاي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ «فىڭچياۋ تەجرىبىسى» دىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئامانلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا
【发布时间】2019-10-04  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

قارا تۆڭكە بازىرى قىزىلقۇدۇق كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركىزىي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ باشلىقى چېڭ ۋېنسەي: «يېزا ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىدە باشقا ئاسان يول يوق. يەرنى پۇت بىلەن ئۆلچەپ، ئەل رايىغا قەلپ بىلەن قۇلاق سېلىپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەرگەندىلا، ئامما ئاندىن سىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ، قوللايدۇ. شۇندىلا، خىزمەتلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلىيەلەيسىز» دېدى. بۇ، ئۇنىڭ يېزا ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى. چېڭ ۋېنسەي، بۇ يىل كۆكتوقاي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قانات يايدۇرغان ئورگان ساقچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ چېنىقىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئۇ، تەۋەلىك رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تېزدىن پىششىق بىلىش ئۈچۈن، زىيارەت جەريانىدا بىر يۈرۈش «ئالتە قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى» نى تېپىپ چىقتى. يەنى ھەربىر ئائىلىنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىش، ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىشى بولسۇن- بولمىسۇن ئەھۋاللىشىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىشلىرىنى دەرھال بېجىرىپ، كەنت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئېنىق ئىگىلەپ، مەسىلىگە يولۇققاندا ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا تېز ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر، «ئالتە قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى» ناھىيە بويىچە بارلىق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى.

 قارا تۈڭكە بازارلىق ساقچىخانا قىزىلقۇدۇق مەركىزى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا قاراشلىق ئۈچ مەمۇرىي كەنت بولۇپ، 3 مىڭ 107 ئاھالە بار ئىدى. تەۋەلىك رايوننىڭ كۆلىمى چوڭ، ئاھالە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، باشقۇرۇشقا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن، قىيىنچىلىق ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلماق تەس ئەمەس ئىدى. خەلق ساقچىسى چېڭ ۋېنسەي كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىگە تايىنىپ، «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» دىن ئىبارەت يېڭى بىر قوشۇن تەشكىللىدى. «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» نىڭ ئەزالىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرى، ئون ئائىلە باشلىقى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، كۆچمە نوپۇس ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارغا «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» نىڭ بىرتۇتاش بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاق شەپكە بىلەن كۆك جىلىتكە سەپلەپ بېرىلدى. ھازىر، بۇ قوشۇننىڭ ئەزاسى 28 گە يەتتى. 

 «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇنىڭ ئەزالىرى بۇ يەردىكى كىشىلەر، يەر، ئەھۋالغا پىششىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «زىددىيەت- ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا بىللە بولۇش، ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتە ئامما بىلەن بىللە بولۇش، خەۋپنى تەكشۈرۈشتە بىللە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا بىللە بولۇش» تىن ئىبارەت «تۆتتە بىللە بولۇش» بويىچە، 35 قېتىم ئامانلىق چارلاشنى قانات يايدۇرۇپ، زىددىيەت- ماجىرادىن 52 نى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، ئاممىغا 12 قېتىم ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قارا تۈڭكى بازىرىدا ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە بەرپا قىلدى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ 20- كۈنى «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» نىڭ ئەزالىرى «مۇرەسسە قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ كارخانا مەسئۇللىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ماجىراسىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقە يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى. «ساقچى- خەلق ئائىلىسى» زىددىيەت- ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇرەسسە ئۇسۇلى، ھېسسىيات ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق بەش خىل مۇرەسسە ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇرەسسەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %90 كە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى، يېڭى ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلىقىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 ئىلگىرى، خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، يېزا ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاددى، ئىشىك ئالدى چۆلدەرەپ تۇراتتى. ھازىر، بۇ يەردە كىملىك بېجىرىش، پىراۋا تولۇقلاش- ئالماشتۇرۇش، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش يول خېتى ئېلىش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا بېرىلگەن جازانى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنى بىجىرگىلى بولىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يەر خۇددى بىر كىچىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە ئوخشاپ قالدى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇلتۇردىن بۇيان، ناھىيە بويىچە مەركىزى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى بىلەن مەھەللىلەر بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش- چىقىش، شوپۇر ۋە ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش، نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كۆزنەك كەسىپلەرنىڭ چۈشۈرۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەركىزى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، مەھەللە دەرىجىلىك ئورۇنلار بىجىرەلەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەركىزى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكىلەرمۇ بېجىرەلەيدىغان بولدى. ئۇلار «ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلىش، كۆزنەك كەسپىنى بىر كۆزنەكتىلا بېجىرىش، تور ئىچى- سىرتىدا ئىككى لىنىيە بويىچە بېجىرىش، 24 سائەت ئىشتىن چۈشمەسلىك» تەك «01224» خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى تەدبىرىنى يېڭىدىن يولغا قويدى.