​ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10- شىسى ئەدلىيە ئىدارىسى قوشتولغاي ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياۋېينىڭ خەلق مۇرەسسەسى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 كىشىلەر ئۇلارنى يېقىن كۆرۈپ خىلمۇخىل ئاتاقتا چاقىرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس سالاھىيىتى- خەلق مۇرەسسەچىسى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، كەنت (ئاھالە) «ئىككى كومىتېتى» كادىرلىرىمۇ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم سوتچىلارمۇ بار. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ۋاڭ ياۋېي بۇ يىل 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىدىكى ياخشى ئۈلگىلەر نامزاتى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. خەلق تورى بۇ خەۋەرنى تارقاتقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10- شىسىنىڭ تۇننەن كان رايونى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. ئاھالىلەر بەس- بەستە ۋاڭ ياۋېيغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. 

 بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ۋاڭ ياۋېي تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قوشتولغاي بازىرى خوسۇتۇ كەنتىدە تۇغۇلغان. ۋاڭ ياۋېي 2005- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ قانۇن شۆيۈەنى قانۇنشۇناسلىق تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قارار قىلدى. ۋاڭ ياۋېي ئاساسىي قاتلامدا كۆپ يىل خىزمەت قىلىش، چېنىقىشتىن كېيىن، ھازىر شۇ جايدىكى پۇقرالارغا تونۇشلۇق خەلق مۇرەسسەچىسىگە ئايلاندى.

 بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10- شىسى ئەدلىيە ئىدارىسى قوشتولغاي ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياۋېي ئىشقا چۈشۈشىگىلا، لى X: «ۋاڭ باشلىق، ماڭا ياردەم قىلىڭ، قوناقلىرىم ئەمدىلا مايسا بولغان. سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى توسۇلۇپ قاپتۇ. قوناقلىرىمنى سۇ بېسىپ كېتەي دەپ قالدى» دەپ ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كەلدى. لى X 10- شىسى 184- تۈەن «جىنيۈەن» مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىزىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى توسۇلۇپ قالغاچقا، سۇ ئېتىزغا تېشىپ كەتكەن، ئۇ جاڭ X سۇ چىقىرىۋېتىش ئۆستىڭىگە چېقىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان ئىدى.

 ۋاڭ ياۋېي لى X كە: «يۈرۈڭ، بېرىپ كۆرۈپ باقايلى» دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىز بېشىغا باردى. لى X نىڭ ئېتىزى بىلەن جاڭ X نىڭ ئېتىزى قوشنا، بۇ ئىككى ئائىلەنىڭ سۇ چىقىرىۋىتىش ئېرىقى بىر ئىدى. لى X نىڭ ئېتىزى ئېرىقنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىدى. ئىلگىرى بۇ ئىككى ئائىلە سۇ ھەققى ۋە سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىدى. «ئېرىق قانداقسىگە توسۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا چوقۇم جاڭ X چېقىلغان گەپ» دېدى لى X غەزەپلەنگەن ھالدا ۋاڭ ياۋېيغا. لېكىن جاڭ X: «مەن چېقىلمىدىم» دەپلا جاۋاپ بەردى. 

 ۋاڭ ياۋېي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نەق مەيداندا بۇ ئىككىسىگە «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» نى سۆزلەپ بەردى. «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» دە: «كۆچمەس مۈلۈككە قوشنا تەرەپلەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش- ھەمكارلىشىش، ئادىل- مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، سۇ توسۇش، سۇ چىقىرىۋېتىش، راۋانلاشتۇرۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قوشنىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلار ياكى زىيان يەتكۈزگەنلەر زىيان سېلىشنى توختىتىشى، توسالغۇنى تۈگىتىشى، زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن. ۋاڭ ياۋېي ئۇلارغا: «قاراڭلار، قانۇندا قوشنىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. بۇ ئېرىقنى سىلەر ئىككى ئائىلە تەڭ ئىشلىتىدىكەنسىلەر. ئەگەر، توسۇلۇپ قالسا، يىراقنى كۆزلىگەندە، ئىككى ئائىلىنىڭ مەنپەئەتى ئوخشاش زىيانغا ئۇچرايدۇ. <يىراقتىكى تۇققاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا> دېگەن گەپ بار. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر داۋاملىق بىر- بىرىڭلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىلەر ئەمەسمۇ» دېدى. بۇ گەپلەردىن ھەر ئىككىلىسى قايىل بولدى. ۋاڭ ياۋېي دەرھال: «ئىككى تەرەپ بىرلىكتە توسۇلۇپ قالغان سۇ چىقىرىۋىتىش ئېرىقىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ئۆز مەيلىچە سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقىنى توسۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر، قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتسا، مۇناسىپ قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ھەل قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. 

 بۇنىڭغا ئوخشاش ماجىرانى نەق مەيداندا مۇرەسسە قىلىدىغان مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، 10- شى قوشتولغاي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىدا، شۇ جايدىكى ئاھالە روڭ كۈيئې «قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھەنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قولىغا بېرىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ نېسى قالغان ئىككى يىللىق ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتى. رۇڭ كۈيئېنىڭ يولدىشى ئىككى يىل ئىلگىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىققاندا، قەرزدار پۈتۈشكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تولۇق بەرمىگەن، بۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئامال بار ئىش ھەققىنى بېرىشنى كەينىگە سۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ روڭ كۈيئې بىر كۈنى دوستىغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن؛ بۇ دوستى ئۇنىڭغا ۋاڭ ياۋېينى ئىزدەپ بېرىپ، ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. رۇڭ كۈيئې سىناپ بېقىش نىيىتىدە، ۋاڭ ياۋېينى ئىزدەپ بارغان. ۋاڭ ياۋېي ئىش ھەققى ماجىراسىنىڭ تەپسىلاتىنى تەپسىلىي سوراپ بىلگەندىن كېيىن، رۇڭ كۈيئېغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولدۇرۇشنى ئېيتتى. ۋاڭ ياۋېينىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمىتىنى كۆرگەن رۇڭ كۈيئې خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى. 10 كۈندىن كېيىن، يولدىشىنىڭ ئىككى يىللىق نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، رۇڭ كۈيئې ھاياجىنىنى ئۇزۇنغىچە باسالمىدى. ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا: «ئەدلىيە ئورنىنىڭ ئىش ھەققىمىزنى بۇنچە تېز قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن!» دېدى. ۋاڭ ياۋېي سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «خەلق مۇرەسسەسى زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپى. قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن خەلق مۇرەسسەسىنى تولۇق بىرلەشتۈرگەندىلا، زىددىيەت- ماجىرالارنى يۇقىرىغا يوللىماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى. 

 دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى قوشتولغاي بازارلىق ئەدلىيە ئورنى تەۋەلىكىدىكى رايوندىن ئۆتەتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى بار ئىدى. ھەر يىلى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشقا چېتىلىدىغان ماجىرالار ئاز ئەمەس ئىدى. ۋاڭ ياۋېي: «ماجىرا يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇرەسسە قىلغاندىن كۆرە، ئالدىن تەكشۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن تۈزۈك» دەپ ئويلايتتى ھەم شۇنداق قىلاتتى. ۋاڭ ياۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن دۆلەت يولى 217- لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 43 ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى دۇكىنىنى بىر- بىرلەپ زىيارەت قىلدى. ۋاڭ ياۋېي: «رېمۇنتخانا، دۇكانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن زىيارەت قىلىش سۈرئىتىمىز بەك ئاستا بولدى. چۈنكى، ھەر بىر دۇكان خوجايىنىنىڭ بىزگە دەيدىغان يەتكىچە دەردى بار ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل رېمونت ھەققى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشقا چېتىلىدىغان ئىشلار ئىدى» دېدى. ۋاڭ ياۋېي بۇ خىل ئەھۋالدا مۇرەسسە قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى مۇرەسسە قىلىپ، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغانلىرىغا قارىتا سودىگەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەدلىيەلىك تەرتىپ بويىچە قەرز پۇلنى قايتۇرىۋىلىش تەكلىپىنى بېرەتتى.

 چېن X ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇنىڭ مەھسۇلاتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلاتتى. بەش يىل ئىلگىرى، 10- شى تۈننەن كان رايونىدىكى ئىككى سودىگەر چېن X تىن 40 مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋالغان. لېكىن، مال پۇلىنى ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ تۆلىمىگەن. بەش يىل ئىچىدە، چېن X 10- شىغا 20 نەچچە قېتىم كېلىپ سۈيلەپمۇ مال پۇلىنى ئالالمىغان ئىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، چېن X سىناپ بېقىش نىيىتىدە ۋاڭ ياۋېينى ئىزدەپ كەلگەن. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مال پۇلىنى قولىغا ئالغان.

 زىددىيەت- ماجىرالار قەيەردە يۈز بەرسە شۇ يەردە مۇرەسسە قىلىش، بۇ ۋاڭ ياۋېينىڭ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان 12 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىسى. بۇلتۇر، شى X ئا X كە قىممىتى نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك چاق سېتىپ بەرگەن. لېكىن، مال پۇلىنى ئىزچىل ئالالمىغان. شى X ئامالسىزلىقتىن ۋاڭ ياۋېينى ئىزدەپ كەلگەن. گەرچە مال پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئا X مۇرەسسە قىلىشقا ئىزچىل ماسلاشمىدى، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئالاقىلاشقىلى بولمىدى. ۋاڭ ياۋېي شى X كە ئەدلىيە دەۋا تەرتىپى بويىچە مېڭىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەيىبنامە يېزىپ بەردى. شۇ چاغدا شى X دەۋادا يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمىنى ئادا قىلمىدى. ۋاڭ ياۋېي شى X كە سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى بىرىپ، يەنە ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىلتىماسى يېزىپ بەردى. سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى بىلەن، شى X ئاخىرى مال پۇلىنى قولغا ئالدى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، شى X ۋاڭ ياۋېيغا «خەلقنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتقۇچى» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھە تەقدىم قىلدى. 

 ئاساسىي قاتلام مۇرەسسە خىزمىتىدە، ۋاڭ ياۋېي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىدا، خەلق مۇرەسسەسىنىڭ «بىرىنچى مۇداپىئە سېپى» دىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ساھەسىدىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى پائال ھەل قىلىپ ۋە مۇرەسسە قىلىپ، «ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، قەرز ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى» قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى خەلق مۇرەسسەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى يۇقىرىغا سۇنماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەۋەلىك رايونىنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. كۆپ يىللىق قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتىدە، ۋاڭ ياۋېي كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئاھالىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «سادىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئادىل، پاك» خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.