مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك سودىيە جاۋ رۈيچىننىڭ خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش ھېكايىسى
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا مۇنداق بىر ئايال سودىيە بار، ئۇ سوت خىزمىتىنى ھاياتى دەپ بىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا- كەنتلەردە يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلدى. بۇ سودىيە-- سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللىگىيە باشلىقى جاۋ رۈيچىن. 2000- يىلىدىن بۇيان، ئۇ قاراپ چىققان دېلو 3 مىڭ 500 دىن ئېشىپ، ئۇدا توققۇز يىل سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ بىرىنچى سوت كوللېگىيىسىدە دېلونى ئەڭ كۆپ بىجىرگەن شەخس بولۇپ قالدى. 2012- يىلى 12- ئاي، 2014- يىلى 6- ئاي، 2016- يىلى 1- ئايدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ رۈيچىنغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر سودىيە»، «مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام سودىيەسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتى»، «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى سودىيە» دېگەن شەرەپلىك ناملارنى بەردى.

 1994- يىلى 10- ئايدا، 21 ياشلىق جاۋ رۈيچىن جەمئىيەتتىن ئاشكارە خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە قوبۇل قىلىندى. جاۋ رۈيچىن تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقى، بېرىلىپ تەتقىق قىلىدىغانلىقى بىلەن خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. 1994- يىلى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ قانۇن كەسپىنىڭ ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولدى. جاۋ رۈيچىن ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سانجى رادىيو- تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق تولۇق كۇرسىدا ئوقۇدى ھەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى. تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، جاۋ رۈيچىننىڭ قانۇنشۇناسلىق بىلىمىنى كۈنسېرى بېيىتىپ، كېيىنكى خىزمەتلىرىگە پۇختا ئاساس سالدى. 2000- يىلى جاۋ رۈيچىن سوتچى بولۇپ، مۇستەقىل دېلو بېجىرگەندە، كۆڭلىدە ئۆز- ئۆزىگە: «مەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى» دەپ رىغبەتلەندۈردى. 

 سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرىدا خۇيزۇلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، جاۋ رۈيچىن سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى داشىچۈ سوتخانىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، دائىم سەييارە دېلو بېجىرەتتى. ھەر قېتىم خۇيزۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۆي ئىگىلىرى قېنىق، خۇشپۇراق دەملەنگەن چاي بىلەن كۈتۈۋالاتتى. جاۋ رۈيچىن بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، «چاي ئۈستىلى» مۇرەسسە ئىشخانىسى قۇردى. مۇرەسسە ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇل تېمىغا «ئىناقلىق» مەنىسىدىكى «خې» دېگەن خەتنى ئاستى. چاي ئۈستىلىدە مۇڭدىشىپ، چاي بىلەن كۆڭۈللەرنى ئىللىتىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش بىلەن قەلبتىكى تۈگۈنلەر يېشىلدى. 2016- يىلى 1- ئايدا داشىچۈ سوتى «مەملىكەت بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا، جاۋ رۈيچىن «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك سودىيە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

 جاۋ رۈيچىن دائىم: «ئاساسىي قاتلام سوتخانىسىدا ئىشلىگەچكە، كۈندە دېگۈدەك پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، قانۇن بىلىملىرى يېتەرسىز بولغان بىلەن، مۇتلەق كۆپ قىسمى ناھايىتى ساددا، سەمىمىي كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقىت ئۇزارغانچە، ئۇلارنىڭ دەۋا جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇلار دەۋا يولىغا مېڭىپ، سوتقا كەلگەن ئىكەن، بىزگە ئىشەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىز ئامال قىلىپ قولىمىزدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك» دەيتتى. 

  جاۋ رۈيچىن 338 يۈەن قەرز پۇل ماجىراسى دېلوسىغا سوت ئاچقاندا، جاۋابكار فەن X يولسىزلىق بىلەن قەرزنى قايتۇرۇشنى خالىمىدى. قايتا- قايتا خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە، جاۋابكار فەن X قەرز قايتۇرۇشقا قوشۇلۇپ سوتتا قەرزنى قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دەرھال پۇلنى ئەكىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، جاۋ رۈيچىننىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، سوتتا دەۋاگەر بىلەن بىللە ساقلاۋاتقاندا، جاۋابكار فەن X بىر قارا رەڭلىك چوڭ سۇلياۋ خالتىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇ خالتىدىن بىر دۆۋە بىر مولۇق قەغەز پۇلنى تۆكۈپ، سوت ئۈستىلىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قەغەز پۇللار پۈرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەۋاگەر ئىنتايىن غەزەپلەندى. سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن جاۋابكارنىڭ ئۆزىنىڭ كارتىسىغا 10 يۈەن يوللاپ قۇيىشى، بۈگۈن يەنە قەستەن بۇنچە كۆپ پارچە پۇلنى ئېلىپ كېلىشى ئۆزىنى ھاقارەتلىگەنلىك دەپ قارىدى. ئەمما، جاۋابكار كۆرەڭلەپ، پەرۋا قىلمىغان ھالدا: «بۇ پۇلنى ئەسلىدە ئوغلۇمنىڭ خەجلىشىگە ئېلىپ قويغان (ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تېخى بالىسى يوق ئىدى)، ھازىر سىزگە پۇل كېرەك بولغاندىكىن، ھەممىسىنى بېرەي» دېدى. 

 شۇ چاغدا جاۋ رۈيچىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. لېكىن، ئۇ ئاچچىقلانسا بولمايتتى. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ دەۋاگەرنىڭ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى. ئەگەر، دەۋاگەرنى پۇل سانا دېسە، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» تەك ئىش بولاتتى. دېلونى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتەتتى. بۇنى ئويلىغان جاۋ رۈيچىن دەرھال سوتتىكى باشقا خىزمەتچىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ، كۆپچىلىك بىللەن پۇل سانىدى. جاۋ رۈيچىن ئامالنىڭ بارىچە دەۋاگەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپرەك گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پەسەيتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، جاۋابكار يەنە قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ تۇراتتى. جاۋ رۈيچىن ئامال قىلىپ جاۋابكارنىڭ گېپىنى بۆلدى ۋە تېمىنى يۆتكەپ دەۋاگەر بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇلار ئىككى سائەتكە يېقىن ساناپ، ئاخىرى بىر خالتا پارچە پۇلنى ساناپ بولدى. 328 يۈەننى دەۋاگەرگە بەردى. (سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ كارتىسىغا 10 يۈەن يوللاپ بەرگەن). ئاخىرى، بۇ دېلو سوتتا ئىجرا قىلىندى.

 جاۋ رۈيچىن مۇنداق دېدى: «كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆمرىدە بىر قېتىملا دەۋا قىلىشى مۇمكىن، ئۇلار ئامالسىز قالغاندا، ئۆزى ھەل قىلالمىغاندىلا ئاندىن سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ قانۇن ياردىمى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلساق؛ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى سۆزلەپ قويساقلا بولمايدۇ. قانۇن، قائىدە، ھېسسىياتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگۈتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، دەۋالىشىش ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ». شۇڭا، جاۋ رۈيچىن مۇرەسسە خىزمىتىنى بەك مۇھىم بىلەتتى.

 2007- يىلى ئۇ بىر ئىتنىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈش تۆلەم دېلوسىغا قاراپ چىقتى. جاڭ X نىڭ كۈچۈكى بىر قىزنى چىشلىۋالغان ئىدى. قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى جاۋابكارنى ئىزدىگەندە، جاۋابكار ئۇلارغا ئالدى بىلەن بالىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇپ كېلىشىنى، ئاندىن تۆلەم ئىشىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن، ئاتا- ئانىسى قىزىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇپ كېلىپ، جاۋابكار بىلەن مەسلىھەتلەشتى. جاۋابكار زىياننى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن پۇل تۆلىمىدى، مەھەللە كومېتېتىدىكىلەر مۇرەسسە قىلىپمۇ نەتىجە چىقىرىلمىغاندىن كېيىن ئۇلار سوتقا كەلگەن ئىدى. سوتتا، جاۋابكار «قىزچاق كۈچۈكنى ئەركىلىتىپ ئوينىغاچقا، كۈچۈك ئۇنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان» دەپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

 جاۋ رۈيچىن جاۋابكارغا سەۋرچانلىق بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ تۈردىكى دېلولار ئالاھىدە ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىشقا تەۋە، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كىتىپتۇ. سىزنىڭ دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. ئەينى چاغدا قىزچاق كۈچۈكنى ئەركىلەتكەنلىكى ئۈچۈن يارىلانغان. ئەگەر، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمىسىڭىز، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىك مەسئۇلىيىتى يەنى، دەۋادا ئۇتتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز» دېدى. جاۋابكار جاۋ رۈيچىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، سوتنىڭ كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جاۋ رۈيچىن ئىككى تەرەپكە قايتا- قايتا خىزمەت ئىشلەپ، «ھەممىڭلار بىر قورۇدا تۇرىدىكەنسىلەر، دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان گەپ. شۇڭا، يەنىلا ئىشنى چوڭايتماي، ئىناق ئۆتكەن ياخشى» دېدى. جاۋ رۈيچىننىڭ قايتا- قايتا نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە، جاۋابكار قىزچاق ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە سوتتا داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىدى.

 «ئادىل بولۇش»، «پاك بولۇش»، «قانۇننى پاك يۈرگۈزۈش» جاۋ رۈيچىن باشتىن- ئاخىر قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان تۆۋەن چەك. جاۋ رۈيچىن سوت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 25 يىلدىن بۇيان، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە باشتىن- ئاخىر پاك- دىيانەتلىك بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇردى. باشقىلار مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلسا بارمىدى، سوۋغات بەرسە ئالمىدى. شۇ سەۋەپتىن كۆپ قېتىم ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى رەنجىتتى. 2008- يىلى جاۋ رۈيچىن بىر ياللانما خادىمنىڭ زىيان تۆلەم ماجراسى دېلوسىغا قاراپ چىققاندا، جاۋابكار زىيانلانغۇچى تەرەپنىڭ ئۆزى ياللىغان خادىم ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە جاۋ رۈيچىننىڭ دوستى ئوتتۇرىغا چىقىپ، جاۋ رۈيچىننى ئىزدەپ، ئارىغا ئادەم قويۇپ، «يوچۇق ئېچىپ، قاراپ قويۇش» نى ئۆتۈندى. جاۋ رۈيچىن كەسكىنلىك بىلەن دوستىغا: «سىز قانۇننى چۈشەنمەيدىكەنسىز، سوتچى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە سوت قىلىدۇ. مەن قانداقمۇ ۋىجدانىمغا خىلاپ ھالدا ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ئاق- قارىنى ئارلاشتۇرىۋىتىمەن؟» دېدى.

 جاۋ رۈيچىن دائىم: «سوت مەيدانىدىكى دۆلەت گېربى، دۆلەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرمىسە، ئادىل ھۆكۈم چىقارمىسا، سودىيەنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسى يوقايدۇ» دەيتتى. 

 جاۋ رۈيچىن 25 يىللىق قان- تەرى بەدىلىگە قانۇن تارازىسىنىڭ ئادىللىقىنى ھەر بىر دېلودا نامايەن قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە پۇقرالارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناتتى.