ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ئەستايىدىل قوغداۋاتقان قۇمۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىر- ساقچىلىرى
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 بۇيىل 9- ئاينىڭ بېشىدا، 90 ياشلىق جاڭ خۇا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قومۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا كادىر- ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئاخىرى ئۆزىنىڭ توققۇز يىللىق پېنسىيە مائاشىنى ئالدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ 

 قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ خۇا پېنسىيەگە چىققان تۆمۈريول ئىشچىسى ئىدى. ئۇ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ئۆيلەنگەن. ئۆزىنىڭ بالىسى بولمىغاچقا، كېيىنكى ئايالى ئېلىپ كەلگەن قىزى ليۇ X نى ئىزچىل ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ كەلگەن. 2010- يىلى ئۆگەي قىزى ليۇ X جاڭ خۇانىڭ يېشى چوڭ، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىزلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قەرەللىك پۇل ئامانەت قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، جاڭ خۇانىڭ پېنسىيە مائاش كارتىسىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 500 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بەرگەن. شۇ چاغدا، جاڭ خۇا ئاتا- بالىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ قارشى تۇرمىغان. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جاڭ خۇانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقان. دائىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، 500 يۈەن ھەر ئايلىق چىقىمىغا يەتمەي قالغان. ئۇ ليۇ X نى كۆپ قېتىم ئىزدەپ، مائاش كارتىسىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق، رەت قىلىنغان. ئامالسىز ئەھۋالدا، جاڭ خۇا يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش يولى بىلەن يېڭى بانكا كارتىسى بېجىرگەن. ئۇ شۇ چاغدىلا بانكا كارتىسىدا پەقەت 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل قالغانلىقىنى بىلگەن. ليۇ X بۇنى چۈشەندۈرمىگەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن. ئاخىرىدا جاڭ خۇا قۇمۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن ليۇ X دىن ئۆزىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىپ بېرىشنى ئۈتۈنگەن.

 قومۇل تۆمۈر يول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى سوتچىلىرى ئىككى تەرەپكە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ليۇ X پېنسىيە پۇلىدىن 100 مىڭ يۈەننى قايتۇرىدىغان بولدى، جاڭ خۇا ليۇ X نىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشىغا قوشۇلدى. ئەمما، ليۇ X پەقەت 6 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى قايتۇرغاندىن كېيىن، قالغان پۇلنى قايتۇرمىدى. قومۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىدىكى فاڭ جيەن جاڭ خۇانىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ليۇ X نى سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتتى. ليۇ X ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل كېسىلىنى داۋالاتقانلىقى، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقى، تۇرمۇشتا ھەممە چوڭ- كىچىك ئىشلارغا پۇل كېتىدىغان بولغاچقا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغانلىقى، پۇل قايتۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سۆرىمىگەنلىكى، پەقەت ھازىر پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ دەردىنى تۆكتى.

 فاڭ جيەن لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ليۇ X نىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ئادەم دېگەن ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار بولىشى كېرەك. سىز جاڭ خۇانىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى، شۇڭا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك ئىدى. سىز بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلدىم دەپ، ئۇنىڭ پېنسىيە مائاشىنى ئېلىۋاپسىز. سىزنىڭ ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىڭىز بار، ھەم ئىدارىڭىز قەرەللىك بېرىدىغان پېنسىيە مائاشىڭىز بار. بۇلار چىقىملىرىڭىزغا پۈتۈنلەي يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ قايتۇرىدىغان پۇل سوممىسى جەھەتتە سىزگە يول قويدى. سىزنىڭ قايتۇرمايدىغانغا يەنە قانداق سەۋەبىڭىز بار؟ ھازىر بۇ دېلو مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش تەرتىپىگە كىردى. ئەگەر، سىز يەنە جاھىللىق قىلسىڭىز، سوت مەھكىمىسى سىزگە قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدۇ» دېدى.

  ليۇ X بۇنى ئاڭلاپ خىجىل بولۇپ بېشىنى تۆۋەن سالدى ھەمدە سوتچىغا: «ئېشىپ قالغان پۇلنى تېزدىن قايتۇراي، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا دادامنى يوقلاپ، ۋاپادارلىقنى يەتكۈزەي» دەپ ۋەدە بەردى. يېقىندا، ليۇ X قالغان 90 مىڭ يۈەن پۇلنى سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بەردى. فاڭ جيەن بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەردى.

 68 ياشلىق ياڭ بوۋاي مىڭ بىر جاپادا 100 مىڭ يۈەن پۇل يىغىپ، ياخشى كۆڭلى بىلەن كونا خىزمەتدىشى جاڭ X نىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشىگە بېرىپ تۇرغان ئىدى. گەرچە، جاڭ X پۇلنى تېز قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ياڭ بوۋاي كۆپ قېتىم سۈيلىدى، جاڭ X كەينىگە سۆرەۋەردى. ئامالسىز قالغان ياڭ بوۋاي جاڭ X ئۈستىدىن قومۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. سوتتا ياڭ بوۋاي دەۋادا ئۇتۇپ چىقتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ياڭ بوۋاي ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، قومۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ ئىجراچىسى، ئەدلىيە ساقچىسى فاڭ جيەن بۇ دېلونىڭ ئىجراچىسى بولدى. فاڭ جيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن چوڭ- كىچىك بانكىلار، يەرلىك ۋە بىڭتۈەن ئۆي- مۈلۈك ئىدارىسى، يەر ئىدارىسى، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى جاڭ X نىڭ خىزمەت ئورنى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ چىقتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭ X نىڭ پېنسىيە مائاشىدىن سىرت، ئىجرا قىلغۇدەك باشقا مال- مۈلكىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ ئىش فاڭ جيەننىڭ بېشىنى قاتۇردى.

 ئىجرا خىزمىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، فاڭ جيەن ئىلتىماس قىلغۇچى ياڭ بوۋاينىڭ تاسادىپىي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى، ياڭ بوۋاينىڭ ئىجرا ئىدارىسىدىن قايتا- قايتا ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئويلاپ، ئىچى تىتىلداپ كەتتى. فاڭ جيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داچۈەنۋەن يېزىسىغا بېرىپ، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ھۆددە يىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ يەردە بىر نەچچە ئېغىز كونا ئۆي ۋە تاشلاندۇق كالا قوتىنىدىن باشقا نەرسىنىڭ يوقلىقىنى كۆردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، فاڭ جيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن باشقا دېلولارنى ئىجرا قىلىۋېتىپ، داچۈەنۋەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم كەسپىي بۆلىمىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقتى. ياڭ بوۋاينىڭ ئىشىنى ئىزچىل ئويلاپ تۇرغان فاڭ جيەن تۇيۇقسىز «جاڭ X بۇ يەردە يەر ھۆددىگە ئالغان، يېزىدا جاڭ X نىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلى بارمىدۇ؟» دېگەن ئويغا كېلىپ قالدى. فاڭ جيەننىڭ ئىجرا قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى دېلو ماتېرىياللىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان ياخشى ئادىتى بولغاچقا، ئۇ دەرھال تەكشۈرۈش مەخسۇس ئىسپاتىنى چىقىرىپ، خىزمەتچى خادىملاردىن: «جاڭ X نىڭ سىلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. خىزمەتچى خادىملار جاڭ X نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن: «مۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ؟ جاڭ X نىڭ ھېساباتىغا تۈنۈگۈن پۇل كىردى» دېدى. فاڭ جيەن تەرلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، دېلو پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ، دېلو پۇلىنى قومۇل تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئىسچوتىغا يۆتكەپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.

 ئەينى يىلى 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ياڭ X پۇلنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا فاڭ جيەننىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ: «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ئەگەر ئۇنىڭ مائاشىدىن ئايمۇ- ئاي تۇتۇپ ماڭا بېرىشكە توغرا كەلسە، ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كېتەتتى. سىز خىزمەتنى ھەقىقەتەن ئەستايىدىل ئىشلەيدىكەنسىز» دېدى.

相关阅读