مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە قەرز ئالغاندا ھېسابات يەنىلا ئېنىق بولغىنى تۈزۈك
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 لىن X بىلەن چېن X نىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان. 2017- يىلى 11- ئايدا، لىن X بىر قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، چېن X شەخسىي نامىدا بانكىدىن 180 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ لىن X نىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ تۇرغان. ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، چېن X ئۆزىنىڭ بۇ 180 مىڭ يۈەننى لىن X نىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بېرىپ تۇرغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قەرز مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ قەرزنى قايتۇرۇشنى بىر نەچچە قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغاچقا، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. 

 ئەمما لىن X: «بۇ 180 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئەمەس، چېن X ئىلگىرى داشقال توپا ئاپتوموبىلى سېتىۋىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ئورنىغا بارغان. پۇلنى چېن X تۆلىگەن. ھازىر قۇرۇلۇش تېخى پۈتۈپ راسچوت قىلىنمىدى. پايدا- زىيان نامەلۇم، چېن X كە پايدا تەقسىم قىلىپ بېرەلمەيمەن» دېگەن.

 ئۇنداقتا، بۇ 180 مىڭ يۈەن زادى مەبلەغمۇ ياكى قەرزمۇ؟ فۇجيەن ئۆلكىسى پىڭتەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنى تەكشۈرۈپ، 2017- يىلى 11- ئايدا چېن X نىڭ 180 مىڭ يۈەننى لىن X كە بەرگەندىن كېيىن، لىن X نىڭ بانكا قەرزىنى يەتتە ئاي قايتۇرغانلىقى ھەمدە ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېنىقلىغان. لىن X نىڭ قەرز قايتۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن قارىغاندا، بۇ پۇل قەرزگە تەۋە. لېكىن، سوت ئېچىپ قاراپ چىققاندا، لىن X ئۆزىنى ئاقلاپ مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىل بولغانلىقتىن چېن X نىڭ بانكىدىن ئالغان قەرزىنى تۆلىشىپ بەرگەنلىكى، ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرىسىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

 بۇ ئىككىيلەن ئەينى ۋاقىتتا مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا بۇ 180 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ خاراكتېرىنى بىۋاسىتە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان قەرز ھۆججىتىمۇ، مەبلەغ سېلىش ھۆججىتىمۇ يوق ئىدى. كېيىن سوتتا قاراپ چىققۇچى سوتچى لىن X كە ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قائىدىلەرنى سۆزلەپ مۇرەسسەگە كەلتۈردى. لىن X ئاخىرى چېن X كە 180 مىڭ يۈەن قەرزنى ئۈچكە بۆلۈپ قايتۇرۇشقا قوشۇلدى. 

 مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە قەرز ئالغاندا، قانۇندا ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق- قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇش كېرەك. مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە ئالغان قەرز بولسىمۇ تويدىن كېيىن چوقۇم قايتۇرۇش لازىم. تويدىن بۇرۇنقى قەرز، تويدىن كېيىنكى ئەر- ئايالنىڭ ئورتاق مال- مۈلكىنى سېتىۋېلىش ياكى تويدىن كېيىنكى ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولسا، قەرزنى تويدىن كېيىن بىكار قىلىۋېتىش ياكى قىسمەن بىكار قىلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئەر- ئايال توي قىلغاندىن كېيىن يەنىلا مۇستەقىل شەخس بولۇپ، ھەقدارلىق- قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

 كونىلاردا «ھېسابلىق دوست ئايرىلماس» دەيدىغان گەپ بار. ئىككى تەرەپ مۇھەببەتلىشىۋاتقان تەقدىردىمۇ، ئىقتىسادىي ئالاقىگە ئاقىلانە پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھەدىيە قىلىش، قەرز ئېلىش، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان قانۇن مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر، ھەدىيە قىلىنغان بولسا، ھەدىيە قىلىش ھەرىكىتى تاماملانغان ھامان ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ؛ ئەگەر، قەرز پۇل بولسا، قەرز ئالغۇچى قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىپ، قەرز ھۆججىتىدىكى قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمى بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر، مەبلەغ سېلىش پۇلى بولسا، ھۆججەت يېزىپ، مەبلەغ سوممىسى، پايدا تەقسىماتى، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى لازىم.

相关阅读