ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئادۋۇكاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشى، قىلمىش سادىر قىلغۇچى بىلەن كۆرۈشۈشى تەس بولۇشى تارىخقا ئايلاندى
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، شىنجاڭ «ۋېييۈ» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى چېن چاڭجۈن ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، ئۆزى ۋاكالەتچىلىك قىلغان ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش دېلوسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

 تيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ كادىر- ساقچىلىرى چېن چاڭجۈن تاپشۇرغان ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى، ئادۋوكاتلار ئالاقىسى ۋە ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەمەلىي سىستېما ئارقىلىق دېلونىڭ تەرتىپ خاراكتېرلىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، ئېلېكترونلۇق ئارخىپنى ئادۋوكاتنىڭ مەخسۇس دىسكىسىغا كۆچۈرۈپ بەردى ھەمدە چېن چاڭجۈن ئۈچۈن جىنايەت گۇماندارى تۇرۇشلۇق سولاقخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپنى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

 ئىلگىرى ئادۋوكاتلار ماتېرىياللارنى كۆرمەكچى بولسا ئالدى بىلەن دېلو بېجىرگۈچى تەپتىش بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاندىن دېلو ماتېرىيالىنى بەتمۇ بەت سۈرەتكە تارتىپ كۆپەيتەتتى. بۇنىڭغا بىر مۇنچە ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. ھازىر، 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىدە بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسىنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدىغان بولدى. 

 پاسسىپ ھالدىكى «كۆپەيتىشنى نازارەت قىلىش» نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلېكترونلۇق ئارخىپ بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەپتىش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، «تۆت چوڭ تەپتىش» نى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش، تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلدى.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇلتۇردىن بۇيان، ئادۋوكاتلارغا مۇلازىمەت قىلىش كۆزنىكىنى بىر تۇتاش تەسىس قىلىپ، 12309 تەپتىش مۇلازىمىتى ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تور تەپتىش مەھكىمىسى»، «يان تېلىفۇن تەپتىش مەھكىمىسى» ۋە تەپتىش مۇلازىمەت زالى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادۋوكاتلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەپتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل، قېلىپلاشقان، مەدەنىي يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭىچە تەپتىش- ئادۋۇكات مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى.


相关阅读