مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدىمۇ ھىساپ كىتاپ ئىنىق بولغىنى تۈزۈك
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 2017- يىلى 5- ئايدا، چېن ئەپەندى ۋاڭ ئەپەندىدىن 970 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەندىن كېيىن ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بىر يىلدىن كېيىن قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، ۋاڭ ئەپەندى چېن ئەپەندىنىڭ قىز دوستى لى خانىمنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ، ئەينى چاغدا قەرز ھۆججىتىگە «قەرز ھۆججىتى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، بۇ قەرزنى مەن ئۈستۈمگە ئېلىشنى خالايمەن» دېگەن مەزمۇننى تولۇقلاپ يازغان. كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى لى خانىمدىن قەرز قايتۇرۇشنى سۈيلىگەندە رەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ ئىككىسى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلاردىن قەرزنى ئورتاق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. لى خانىم ئۆزىنى ئاقلاپ، گەرچە ئۆزىنىڭ قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ يىگىتىنىڭ قەرزىنى ئۆز ئۈستىگە ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ توي قىلمىغانلىقى، شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىقىنى ئېيتقان.

 سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، لى خانىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ، قەرزنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ ھەرىكىتى كېيىن قوشۇلغان قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئورتاق قەرز ئالغۇچىغا باراۋەر دەپ قاراپ، ئاخىرىدا لى خانىم بىلەن چېن ئەپەندىنى 970 مىڭ يۈەن قەرزنى ئورتاق قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلغان.

 ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قەرز ھۆججىتى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتىغا ئىمزا قويۇشتا قەرز ئالغۇچى، كېپىل بولغۇچى ۋە گۇۋاھچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل سالاھىيەت بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

 بۇ دېلودا، لى خانىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ، قەرزنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن، بۇ قىلمىش قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن، سالاھىيىتى ئورتاق قەرز ئالغۇچىغا باراۋەر. قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش- قەرزدار ئەسلىدىكى قەرز مۇناسىۋىتىدىن ئايرىلمىغان ئەھۋالدا، ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئەسلىدىكى قەرز مۇناسىۋىتىگە قوشۇلۇپ، قەرزدار بىلەن بىرلىكتە قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. لى خانىم تولۇقلاپ يازغان مەزمۇننىڭ، چېن ئەپەندىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش مەنىسى يوق. شۇڭا، ئۇنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. لى خانىم يىگىتى چېن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

相关阅读