قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتى مېھراي ئائىلىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن جاي. 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى تيەن يۈ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ گۈزەل كىچىك كەنتتە مېھراي بىلەن تونۇشتى.

 تيەن يۈ بۇ كىچىك قىزچاقتىن «ئىسمىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغاندا، قىزچاق ئۇنىڭغا «مېھراي مەمەت» دەپ جاۋاپ بەردى. تيەن يۈ ئۇنىڭدىن يەنە نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغاندا، مىھراي ئۆزىنىڭ 15 ياشقا كىرەي دەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. تيەن يۈ مېھرايدىن تۇغۇلغان كۈنىنى سورىغاندا، مېھراي ئىزا تارتقىنىدىن يۈزى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ دەرھال كىملىكىنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىكەنلىكى ئېيتىپ بەردى. ئۇ، تۇغۇلغان كۈنىنى ناھايىتى ئاز ئۆتكۈزگەچكە، تۇغۇلغان كۈنىنى دەماللىققا ئېسىگە ئالالمىغان ئىدى. 

تيەن يۈ بۇ كۈننى كۆڭلىدە ساقلىۋالدى. ئۇ مېھراي بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشتى، ئۇ سۆزلەپ بەرگەن تۇرمۇشىدىكى ئىشلار ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلىدى.

 مېھراينىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا- ھەدىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىدىكەن، قوشنىلار ئارامۇ ئۆزئارا ياردەملىشىدىكەن؛ ئانىسىنىڭ بىر ئىشلارغا ناھايىتى ئېپى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۇلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋېتىپتۇ، ئەمما ئانىسى دائىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن؛ ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى كىتابتا مول بىلىم بار ئىكەن؛ ئۇنىڭ ئارزۇسى كەلگۈسىدە بىر دوختۇر بولۇش بولۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن... 

تيەن يۈ بىلەن مېھراينىڭ گەرچە بىللە تۇرغان ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، بىراق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق «قەدىناس دوستلار» دىن بولۇپ قالدى.

 خوشلىشىدىغان چاغدا، تيەن يۈ ئىشىكنىڭ كېشىكىگە يۆلىنىپ تۇرغان مېھراينىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى. «تاغا، سىز كېيىن مېنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟» دېدى مېھراي ئېسەدەپ تۇرۇپ.

 تيەن يۈ مىھراينىڭ يېنىغا كېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن: «مىھراي قىزىم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن تۇغقان بولغۇم بار، خالىغان ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن بوش ۋاقتىم چىقسىلا سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن» دېدى.

 ھويلىدا، ئىككىيلەن چىمچىلاقلىرىنى ئىلىپ تۇرۇپ، چىن كۆڭلى بىلەن ۋەدە بېرىشتى: «ۋەدىمىز ۋەدە بولسۇن، 100 يىلغىچە ئۆزگەرمىسۇن...». ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، تيەن يۈ بىلەن مېھراي ۋەدىلەشتى.

 تيەن يۈ چاقىلىقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئارىلاپ- ئارىلاپ مېھرايغا تېلېفون بىرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى.

 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى، بۇ كۈن مېھراينىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. مېھراينىڭ خۇشاللىقى چوڭ- كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرگەن مېھمانلارنىڭ ئۆيىگە كېلىشى بىلەن باشلاندى.

 مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرى، يەنە بىر ناتونۇش كىشى بار ئىدى. «مېھراي، تيەن يۈ تاغىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟» دەپ سورىدى ناتونۇش كىشى مېھرايدىن. مېھراي كۈلۈپ تۇرۇپ: «قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي، تيەن تاغام ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا تېلېفون بەرگەن تۇرسا!» دېدى.

 «مەن سىزنىڭ تيەن يۈ تاغىڭىزنىڭ خىزمەتدىشى رەن جياڭپىڭ، تيەن تاغىڭىز خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي، ماڭا تەييارلاپ قويغان سوۋغىتىنى سىزگە ئەكىلىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى ھەم سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە بەخت تىلىدى!» دېدى رەن جياڭپىڭ. 

 رەن جياڭپىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاچ سوۋغاتلارنى ئۈستەلگە بىر- بىرلەپ ئالدى. سوۋغاتلارنىڭ ئىچىدە بىر چوڭ تورتمۇ بار ئىدى. مېھراينىڭ دوختۇر بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا يەنە ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەكمۇ تەييارلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە كىتاب، قەلەم، خاتىرە دەپتەر قاتارلىق سوۋغاتلارمۇ بار ئىدى. بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن مىھراينىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.

 تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭراپ، شام نۇرى مېھراينىڭ بەختلىك چېھرىنى يورۇتتى. «بۇ مەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى، تيەن يۈ تاغامغا رەھمەت، تاغا- ھەدىلەر سىلەرگە رەھمەت، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ئۆز ئارزۇيۇمنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن» دېدى مىھراي.


相关阅读