قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-10-14  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرىدا 67 ياشلىق قازاق چارۋىچى قازىر قالىل ساقچى گاۋ شياڭ بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ، گاۋ شياڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلىدەكلا ئىكەنلىكى، ئائىلىسىگە يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

 گاۋ شياڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى چوڭ ئەترىتى شۇيشىگۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، بۇ يىل 47 ياش. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئۇ قازىر بىلەن تۇغقان بولدى. قازىرنىڭ پەرزەنتلىرى يېنىدا يوق بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن گاۋ شياڭنىڭ ئىدارىسىگە 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان نەنسەننىڭ ئىچكىرىسىدە تۇراتتى.

 گاۋ شياڭ بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشۈپ، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل بىلەن قازىرنى يوقلاپ باردى. ھويلىغا كىرىپ ئۆي ئىچىنىڭ قاپقاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى كۆردى.

 قازىرنىڭ ئۆيى چەت، يىراق بولغاچقا، ئۇلار ئىزچىل قۇياش ئېنېرگىيەلىك توكقا تايىنىپ كېلىۋاتقان، گاۋ شياڭ ئىلگىرى بۇ يەرگە كۈندۈزى كەلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئىدى. 

 قازىر گاۋ شياڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادەتتە ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان شامنى ئېلىپ چىقىپ ياقتى. ئايالىنى تاماق ئېتىشكە بۇيرۇپ، ئۆيىدىكى ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئۈستەلگە تىزىشقا باشلىدى. ئەمما، گاۋ شياڭنىڭ گېلىدىن زادىلا بىر نەرسە ئۆتمىدى. شۇ كۈنى ئۇ كېچىچە ئۇخلىماي بۇ ئائىلىنىڭ توك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلاپ چىقتى.

 گېنېراتور سېتىۋالسا، ماي سېتىۋېلىشتا قىينىلىدىغان بولغاچقا، بوۋاينىڭ ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغىنى ئېنىق ئىدى. توك سىمى تارتىشمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. چۈنكى، بۇ ئەتراپتا پەقەت مۇشۇ بىر ئائىلىلىك چارۋىچىلا بار ئىدى. تاڭ ئاتاي دېگەندە، گاۋ شياڭ ئاخىرى بىر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تاپتى. ئۇ، ئىككى ئاپتوموبىل ئاككۇمۇلياتورى بىلەنلا بوۋاينىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بىرنى بوۋاي ئائىلىسى ئىشلەتسە، يەنە بىرىنى گاۋ شياڭ ئىدارىسىگە ئېلىپ كېلىپ توك قاچىلاپ، بوۋاينى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەرسىلا بولاتتى.

 گاۋ شياڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتىسىلا يېپيېڭى ئىككى ئاپتوموبىل ئاككۇمۇلياتورىنى بوۋاينىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. ئۆيدە توك پەيدا بولغاندىن كېيىن، قازىر ئائىلىسى قۇياش تاغنىڭ كەينىگە ئۆتكەن ھامان قاراڭغۇلۇقتا قالىدىغان ھالەت بىلەن خوشلاشتى. ئۇلار، ھەتتا سىرتتا ئىشلەيدىغان پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرۈشۈپ پاراڭلىشالايدىغان، بىرەر قېيىنچىلىققا يولۇقسا، گاۋ شياڭغا دەرھال تېلېفون بىرەلەيدىغان بولدى. 

 قازىر ئائىلىسى تۇرىدىغان جايدا سۇ ئىشلىتىش قىيىن مەسىلە ئىدى. ئادەتتە ئۇلار ئىچىدىغان سۇنى ئامالنىڭ بېرىچە تېجەپ ئىشلىتىپ، بەزىدە قارنى ئېرىتىپمۇ ئىشلىتەتتى. گاۋ شياڭ بىر قېتىم بوۋاينى يوقلاپ بارغاندا، بىر كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلنى ئارىيەت ئېلىپ، بوۋاينىڭ ئۆيىدىكى بارلىق بۇ باكلىرىنى ئاپتوموبىلغا بېسىپ، بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇدۇققا بېرىپ سۇ قاچىلاپ ئەكىلىپ بەردى. 

 شۇنىڭدىن كېيىن، قازىر ئەر- ئايال ئىككىيلەن سۇ ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. 

 قازىر: «گاۋ شياڭ بىزنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەكلا كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيمەن!» دېدى. گاۋ شياڭ سەمىمىيلىك بىلەن: «بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، مەنمۇ قىزىمغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق- تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش توغۇرىسىدا تەربىيە بىرىمەن. ئادەم چىن، سەمىمى بولۇشى لازىم!» دېدى. 


相关阅读