ئىككى يولۇچى ئايرۇپىلاندا ئېلېكترونلۇق تاماكا چەككەنلىكتىن مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بىرىلدى
【发布时间】2019-10-15  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىلمۇخىل ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. لېكىن، قىسمەن ئىشلەتكۈچىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدۇ. يېقىندا، ئىككى يولۇچى ئايروپىلان يەرگە قونۇپ سىيرىلىپ مېڭىش جەريانىدا يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككەچكە، پايتەخت ئايرودۇرۇمى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن يەتتە كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ سائەت 21 لەر ئەتراپىدا، پايتەخت ئايرۇدۇرۇمى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمى ئاۋىياتسىيە رايۇنى ساقچىخانىسى جۇڭگو بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە ئايرۇپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ «شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئۇچقان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا ئىككى يولۇچىنىڭ ئايرۇپىلان قونۇپ سىيرىلىپ مېڭىش داۋامىدا ئېلىكتىرونلۇق تاماكا چەككەنلىكى» توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋىلىپ، ئايرۇپىلان توختىغاندىن كېيىن، ئايرۇپىلاندىن چىقىش ئېغىزىدا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلدى. خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلەپ ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىككى يولۇچىنى قانۇن بويىچە ساقچىخانىغا چاقىرتىپ كېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، بۇ ئىككى يولۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتماقچى بولغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا تاماكا چېكىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن سىيرىلىپ مېڭىش باسقۇچىدا تاماكا چەكسە بولامدىكىن دەپ ئويلاپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككەن، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمىگەن.

 بۇ ئىككىيلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پايتەخت ئايرودرومى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ ئىككى يولۇچىنىڭ ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىش قىلمىشىغا قارىتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەمۇرىي جەھەتتىن يەتتە كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.