ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئول بولىدۇ
【发布时间】2019-10-15  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 چېن X نىڭ يولدىشى جاڭ X ھايات ۋاقتىدا چۇڭچىڭ شەھىرى پېڭشۈي ناھىيەسىدىكى مەلۇم كۆمۈر كاننىڭ ماشىنا رېمونت ئىشچىسى ئىدى. جاڭ X ئۆيدىن خىزمەت ئورنىغا بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئون نەچچە كىلومېتىر تاغ يولىدا مېڭىشى، ئاندىن مۇنتىزىم پىرىستانغا بېرىپ پاراخوتقا ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى. جاڭ X قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، كاندىكى باشقا ئون نەچچە كان ئىشچىسى بىلەن بىللە دەريانىڭ تېيىز يېرىدىن ياكى بالون بىلەن ئۆتۈش ئامالىنى تېپىپ چىققان. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇلار بىر مەزگىل ساق- سالامەت ئۆتكەن. ئەمما، مەلۇم بىر كۈنى، جاڭ X ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولىدا، بۇرۇنقىدەكلا دەريادىن ئۆتمەكچى بولغاندا، دەريا سۈيى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، جاڭ X سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

 شۇ جايدىكى ساقچىخانا بۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن: جاڭ X ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئامانلىق ۋە جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە چېتىلمايدۇ دەپ بىكىتىپ، بۇنى كۈتۈلمىگەن ھادىسە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان. جاڭ X سۇغا چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغاندىن كېيىن، كۆمۈر كان جاڭ X نىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بەلگىلىك ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرگەن. 

 شۇنىڭدىن كېيىن، چېن X جاڭ X نىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا پېڭشۈي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان، لېكىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتمەسلىك قارارنامىسى» نى چىقارغان. چېن X بۇنىڭغا قايىل بولماي، پېڭشۈي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلغان. پېڭشۈي ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، پېڭشۈي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى چىقارغان «ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتمەسلىك قارارنامىسى» نى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، چېن X نىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلغان. چېن X ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

 چۇڭچىڭ شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن: ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشقا بېرىش- كېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولمىغان قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىسا ياكى شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، يولۇچىلار كېچىك كېمىسى، پويىز ھادىسىسىدە يارىلانغان بولسا، ئىشتا يارىلانغان دەپ بېكىتىش كېرەك. لېكىن، قانۇندا «بېرىش- كېلىش يولىدىكى ئىشتا يارىلىنىش» ھادىسىسىنىڭ تۈرىگە چەك قويۇلغان. جاڭ X تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر قەدەر چوڭ بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا سۇغا چۈشۈش ياكى بالۇن بىلەن دەريادىن ئۆتۈشنى تاللىغان، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا، كېلىپ چىققان ھادىسە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامىدا بەلگىلەنگەن ھادىسە تۈرىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، «ئىشتا يارىلىنىش» دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، پېڭشۈي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ «ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتمەسلىك قارارنامىسى» چىقىرىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قاراپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.