ئوقۇش نەتىجىسى تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ
【发布时间】2019-10-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 لى چياڭ يېقىندىن بۇيان بالىسىنىڭ ئوقۇش ئىشى ئۈچۈن خېلى پايپىتەك بولدى. بالىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماي بولمىدى. لى چياڭنىڭ بالىسىنى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇسى بار بولسىمۇ، ئامالى يوق ئىدى.

 بىر كۈنى، لى چياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋىتىپ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا، بىر خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جاۋ فېي ئىسىملىك بىر ئادەمنى تونۇيدىغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئىزدەپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى. بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى چوڭ ئىش بولغاچقا، لى چياڭ جاۋ فېي بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولدى. 

 ئۇلار ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىش جەريانىدا، جاۋ فېي ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت ئىزدەپ، ئۇنىڭ بالىسىنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويسا بولىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭغا مۇئەييەن خىراجەت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن، لى چياڭ جاۋ فېيغا 50 مىڭ يۈەن بەردى. جاۋ فېي پۇلنى ئالغاندىن كېيىن مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، «بالىنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرىشىدە چاتاق يوق» دەپ ۋەدە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوخشاشلا بالىسىنىڭ ئوقۇشىدىن غەمدە قالغان فۇ بومۇ لى چياڭ ئارقىلىق جاۋ فېي بىلەن تونۇشتى. ئارقىدىن، چېن چېن يەنە فۇ بو ئارقىلىق جاۋ فېي بىلەن تونۇشتى. شۇنداق قىلىپ، قىسقىغىنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، جاۋ فېي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ لى چياڭ، فۇ بو، چېن چېننىڭ جەمئىي 160 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالدى. 

 ئوقۇش باشلىناي دەپ قالغاندا، بالىلارنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەرمۇ يوق، ھەتتا ئەينى چاغدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ ۋەدە بەرگەن جاۋ فېينىڭمۇ ئىز- دېرىكى بولمىدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ جاۋ فېي بىلەن ئالاقىلىشالمىغان لى چياڭ قاتارلىقلار شۇندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال دېلو مەلۇم قىلدى. كېيىن، ساقچىلار سىرتتا قېچىپ يۈرگەن جاۋ فېينى قولغا چۈشۈردى. تەكشۈرۈشتىن، نۇرغۇن ئالدامچىلىق دېلولىرىغا ئوخشاش، جاۋ فېينىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئىش بېجىرىپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقى، ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى بۇزۇپ- چېچىپ خەجلەپ تۈگەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. 

 جاۋابكار جاۋ فېي قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىقىپ قانۇن بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكار جاۋ فېيغا 3 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى. 

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە: «ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل- مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 

 نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن،كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشتىن باش تارتمايدۇ. جىنايەتچىلەر دەل ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قاقتى- سوقتى قىلىدۇ. 

 شۇڭا، ئاتا- ئانىلار ئاتالمىش «مۇناسىۋەت» كە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، پەرزەنتلىرىگە مۇنتىزىم يول ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.