قانۇن ئاۋانگارتلىرى
【发布时间】2019-10-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قۇرۇلۇش يولى ساقچىخانىسىنىڭ زىددىيەت- ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسىدا، بىر نەچچە ئاممىنىڭ پېنسىيىگە چىققان خەلق ساقچىسى جاۋ چۈەنشۈەننى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكۈپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىۋاتقانلىقى، جاۋ چۈەنشۈەننىڭ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ تاكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ رازى بولغانغا قەدەر مۇرەسسە قىلىۋاتقان ھالىتى دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. 

 بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن جاۋ چۈەنشۈەن پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قۇرۇلۇش يولى ساقچىخانىسىنىڭ مۇرەسسەچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان. 

 كورلا شەھىرىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاۋ خۇي 9- ئاينىڭ 1- كۈنى شۇ جايدىكى ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش سارىيىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەن. سۇ ئۈزۈش سارىيى تىجارەتتىن توختىغانلىقتىن، بۇ يەرگە قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، جاۋ خۇي ئۆزى يالغۇز سۇغا چۈشۈپ، بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

 ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋ خۇينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سۇ ئۈزۈش سارىيىدىن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ مەسئۇلى، جاۋ خۇي ئۆز مەيلىچە سۇغا چۈشۈپ بۇ ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جاۋ خۇينىڭ ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىغان. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىر- بىرىگە يول قويماي، ئاخىرىدا قۇرۇلۇش يولى ساقچىخانىسىغا دەۋالىشىپ كەلگەن. 

 جاۋ چۈەنشۈەن سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ مەسئۇلىغا: «سۇ ئۈزۈش سارىيى سارايغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، شۇڭا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدا، يەنە سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورنىنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار» دەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. 

 جاۋ چۈەنشۈەن بۇ ئىشنى تەھلىل قىلىپ: «جاۋ خۇي 21 ياشقا كىرگەن، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ، سۇغا چۈشكەن، بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار» دېدى. 

 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ مەسئۇلى ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قارشى تەرەپكە 490 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جاۋ خۇي تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىشىگە ماسلىشىدىغان ھەمدە ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بەلگىلىك ياردەم پۇلى بېرىدىغانغا قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ قىيىن بىر ماجىرا ھەل قىلىندى. 

 جاۋ چۈەنشۈەن 20 نەچچە يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ئامما بىلەن چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى. ئۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ كەلدى. ھەر قېتىم بىر زىددىيەت- ماجىرانىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلىنغانلىقى، ئاچچىقى كەلگەن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ قايتقىنىنى كۆرگىنىدە، قەلبىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق ھېسسىياتى قاپلايتتى. 

 جاۋ چۈەنشۈەن نۆۋەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ تۈرى كۆپ، مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قىيىن، ئاسان تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بېرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ تالاش- تارتىش نۇقتىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئادەم ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىق مۇرەسسە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، رازى بولغۇدەك مۇرەسسە ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ كەلدى. 

 جاۋ چۈەنشۈەننىڭ قارىشىچە، زىددىيەت- ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە چىن كۆڭلىدىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىجتىھات بىلەن كەسىپنى قەدىرلەش دەرىجىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.