تاۋار ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟​
【发布时间】2019-10-19  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ۋېي X خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن 2010- يىلى ئۆي زاكاز قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ۋېي X كېلىشىمدە، «132» دىن باشلانغان ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرغان. ئۇلار كېلىشىمدە، ئۆي تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە قالغان ئۆي پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلى، پۇل تۆلەش مۇددىتى ۋە پۇلنى كېچىكتۈرۈپ تۆلەش ياكى ئۆينى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق ئاساسلىق ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەرنى پۈتۈشمىگەن. 2011- يىلى ئىككى تەرەپ «نەرسە ساقلاش ئىسكىلاتىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىغان. ۋېي X نىڭ بۇ كېلىشىمدە، «186» دىن باشلانغان ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرغان. ۋېي X 2012- يىلى ئۆز نامىدىكى «132» دىن باشلانغان نومۇرنى ئىشلىتىشتىن توختاتقان. 2015- يىلى، ئۆي- زېمىن شىركىتى ۋېي X بىلەن ئىمزالىغان «ئۆي زاكاز قىلىش كېلىشىمى» نى بىكار قىلغاندىن كېيىن، سۇڭ X بىلەن «تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش توختامى» ئىمزالىغان ھەمدە تاۋار ئۆينى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن. ۋېي X ئۆي- زىمىن شىركىتىنىڭ قىلمىشىدىن نارازى بولۇپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

 خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى لۇڭئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىقىپ، «دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى ئالدىن زاكاز قىلىش كېلىشىمىدە، ئۆي تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە قالغان ئۆي پۇلىنى تۆلەش شەكلى، پۇل تۆلەش مۇددىتى ۋە پۇلنى كىچىكتۈرۈپ تۆلەش ياكى ئۆينى قەرەلىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ تاپشۇرۇشتەك توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئاساسلىق ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەر پۈتۈلمىگەن. «تاۋار ئۆي سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» دە بەلگىلەنگەن تاۋار ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ھازىرلىمىغان. شۇڭا، بۇنى تاۋار ئۆينى ئالدىن كېلىشىش توختامى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ۋېي X ئۆزىنىڭ كېلىشىم بويىچە قارشى تەرەپكە ئالاقىلىشىش نومۇرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىدى. بۇ توختامغا خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋېي X گەرچە كېلىشىم بويىچە جاۋابكارغا ئالاقىلىشىش نومۇرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نەرسە ساقلاش ئىسكىلاتىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىگە قالدۇرغان ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى مۇقەررەر ھالدا ئۆي زاكاز قىلىش كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. رەسمىي تاۋار ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى تۈزمەسلىكتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ۋېي X نىڭ دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى سېتىۋېلىش زىيىنىنى، تاپشۇرۇپ بولغان ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئومۇمىي باھاسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى، دېلوغا چېتىشلىق ئۆي قىممىتىنىڭ ئېشىش سوممىسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىش كېرەك» دەپ قاراپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان «ئۆي زاكاز قىلىش كېلىشىمى» ۋە «نەرسە ساقلاش ئىسكىلاتى سېتىۋېلىش كېلىشىمى» نى بىكار قىلىش؛ ئۆي- زېمىن شىركىتى ۋېي X نىڭ 66 مىڭ 993 يۈەن ئۆي پۇلى، نەرسە ساقلاش ئىسكىلاتى سېتىۋىلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان 16 مىڭ 874 يۈەن پۇل ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش؛ ۋېي X نىڭ 71 مىڭ 669 يۈەن 7 مو زىيىنى ۋە باھالىتىش ھەققى 1 مىڭ 500 يۈەننى تۆلەپ بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

 ۋېي X بىلەن ئۆي- زېمىن شىركىتى ھۆكۈمگە قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇندى. خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.

 «تاۋار ئۆي زاكاز قىلىش كېلىشىمى» دە: «زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا چوقۇم يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئالدىن زاكاز قىلىش كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، توختامغا خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، مۇناسىپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئېنىق پۈتۈلگەن.